ئۈرۈمچى ناھىيەسى

ئۈرۈمچى ناھىيەسى

ئۈرۈمچى ناھىيىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىگە تەۋە.

نامى ئۈرۈمچى ناھىيەسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
يەر مەيدانى 4212 كۋادرات كىلومېتىر( 2011-
كىلىماتى مۆتىدىل، قۇرغاق كىلىمات رايونى
خەنزۇچە نامى 乌鲁木齐县
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
تەۋە رايون ئۈرۈمچى شەھىرى
نوپۇسى 45359 ئادەم ( 2010 - يىلى )
قارمىقىدىكى رايونمەمۇرىي رايون تۈرى 2 بازار، 7 يېزا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈرۈمچى ناھىيەسىئۈرۈمچى ناھىيەسى تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنى ئوراپ تۇرىدۇ. شەرقتە تۇرپان شەھىرى بىلەن، غەربتە سانجى شەھىرى بىلەن، شىمالدا مىچۈەن شەھىرى بىلەن، جەنۇبتا توخسۇن ناھىيەسى، خۇشۇت ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالدا بۇغدا تېغىدىن ئۆتۈپ جىمسار ناھىيەسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4212 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

 ئۇنىڭدا بىر بازار، 19 يېزا، ئىككى مەمۇرىي رايون، 105 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 157 مىڭ 700 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %6.61 نى، خەنزۇلار %45.99 نى، باشقا مىللەتلەر 47.40 نى ئىگىلەيدۇ. 

ئۈرۈمچى ناھىيەسى گۇاڭشۇنىڭ 12-يىلى (1886-يىلى) قۇرۇلۇپ ئۈرۈمچى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو دەۋرىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-مەمۇرىي رايون ۋە ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قۇرۇلغان. 1954-يىلى نامى ئۈرۈمچى ناھىيەسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارىغان. 1959-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ  يەر تۈزۈلۈشى، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئېگىزلەپ بارىدۇ. تىيانشان باغ تىزمىسىدىن ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ  شەرقىي جەبنۇبىي تەرىپىدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 5445 مېتىر ئېگىز بولغان تىيانشان تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى-بۇغدا چوققىسى بۇ ناھىيەدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي تەرەپتىكى تاغلىق رايون پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %50ىنى، تاغلىقتىكى ئۇششاق شېغىلدىن تەركىب تاپقان تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن% 16.6ىنى، شىمالكىي تەرەپتىكى ئېدىرلىق ۋە توپا تۈزلەڭلىك ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %33.4ىنى ئىگىلەيدۇ. تۇدۇڭخابا دەرياسى، ئۈرۈمچى دەرياسى، سەيۋوپۇ كۆلى، بەيياڭخېي دەرياسى، ئالغۇيدىن ئىبارەت بەش چوڭ سۇ سىستېمىسى بار.

2014 ـ يىلىغىچە، ئۈرۈمچى ناھىيىسىگە قاراشلىق ئالتە يېزا – بازار بار. شۇيشىگۇ بازىرى، سارداۋان يېزىسى، گەنگۇ يېزىسى، يۇڭفېڭ يېزىسى، تۆمۈرتى يېزىسى، تولى يېزىسى، بىۋاسىتە شۇيشىگۇ كەنتى، دامياۋ كەنتى، مىيارگۇ كەنتى، ئالغا كەنتى، ئىتتىپاق كەنتى، بەيياڭگۇ كەنتى، تۆمۈرتى كەنتى، چىگۇڭ كەنت قاتارلىق مەمۇرىي كەنتلەر، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق بەنفاڭگۇ يېزىسى قاتارلىقلار بار.

 يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 800 مىليون كۇب مېتىر. پايدىلىنىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 556 مىليون كۇب مېتىر. ئۇلانباي-سەيۋوپۇ-داۋانچىڭ ئارىلىقى مەشھۇر شاماللىق رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايلارنىڭ شامال كۈچى بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە شامال سۈرئىتى 2.6 مېتىر / سېكۇنت، ئۈنۈملۈك شامال قۇۋۋىتى 2000-3000 كىلوۋات. سائەت / كۋادرات مېتىر.ياۋايى 

مىنېرال بايلىقى

ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە يەر ئاستى كان بايلىقلىرى مول، 2013 - يىلىغا قەدەر، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كان تۈرى 8، ئاساسلىقىكۆمۈر، گەج، ھاك تېشى، مىس، فوسفور، ئالتۇن، تۆمۈر، سېغىز توپا، شور، تۇز دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت. كۆمۈر تىپىدىكى كان تېغىدىن 26 سى، قۇم، شېغىل توپىدىن ئىبارەت كۆمۈردىن باشقا كان تېغىدىن 40 ى بار.

بىيولوگىيەلىك بايلىق

ئۈرۈمچى ناھىيىسىدىكى دورىلىق ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن قار لەيلىسى، سوغىگۈل، سۇغۇر سېسىقئوتى، ئېفېدرا، چۈچۈكبۇيا، قىزىلگۈل، يەر مەدىكى، داخۇاڭ، گۈلبوغۇم، جۇڭگو داڭگۇنى كىرەش، چوڭ خوخا، ئېشەكتىكەن قاتارلىق 200 نەچچە خىلى بار. ياۋايى ھايۋانلار نەچچە ئون خىل، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قارا لەيلەك، دوغداق قاتارلىق تۆت خىل ھايۋان بار، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن قاتارلىق 20 خىل ھايۋان بار.

ئۈرۈمچى ناھىيەسىئۈرۈمچى ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ناھىيە. ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 27 مىڭ 800 گېكتار (417 مىڭ 600 مو) ، ئورمان كۆلىمى 92 مىڭ گېكتار (1 مىليون 380 مىڭ مو) ، يايلاق كۆلىمى 500 مىڭ گېكتار (7 مىليون 500 مىڭ مو) . دېھقانچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان قاقاس يەردىن يەنە 13 مىڭ 300 گېكتار (200 مىڭ مو) بار. دېھقانچىلىقتا كۆكتات تېرىش ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋىچىلىق شەھەر ئەتراپى چارۋىچىلىقى ۋە يايلاق چارۋىچىلىقى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. شەھەر ئەتراپ چارۋىچىلىقىدا كالا، ئۆي قۇشلىرى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. يايلاق چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي، ئات، تۆگە بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. سۇ مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى لاتقا بېلىق، تاپان بېلىق، ئوتخور بېلىق، كارىپ بېلىقى، يېسسى بېلىق، سالمۇ بېلىقى قاتارلىقلار بار. يەرلىك سانائەت بىلەن يېزا-بازار سانائىتىدە قەدەم بىر قەدەر بۇرۇن تاشلانغان بولۇپ، تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى. ھازىرغىچە يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك، قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمچىلىق، باسمىچىلىق، قەغەزچىلىك، سۇلياۋ بۇيۇملىرى، خىمىيە سانائىتى، ماشىنسازلىق، پولات پروكاتلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر سانائىتى قاتارلىق زامانىۋى سانائەت بەرپا قىلىنغان. 

ئۈرۈمچى ناھىيەسىبۇ ناھىيىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى، ئەتراپتىكى تۆت يېزىسى ئۈرۈمچى شەھەر رايونى بىلەن تۇتىشىپ بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن. تاشيول ھەر تەرەپكە تۇتاشماق بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى دىۋوپۇ يېزىسىغا جايلاشقان. قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق. خەۋەرلىشىشتە تېلېفون ئاپپاراتىنى پروگراممىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پوچتا تور-نۇقتىلىرى شەھەر، يېزىدىن تارتىپ چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغىچە ئومۇملاشتى. تۈرلۈك ئىلغار خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى كەڭ-كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ قەدىمىى ئاسارە-ئەتىقىلىرى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىدىن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى تۇرا، ئۇلانبايدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىسى، داۋانچىڭدىكى قەدىمىيى شەھەر خارابىسى، جۇخۇاتەي، بەيياڭگو، نەنتەيزى، جاۋبىشەن، مياۋئارگۇ، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيە مەركىزى، چۈەنگۇ قاتارلىقلار بار. نەنسەن ساياھەت رايونىدا يەنە ئېگىز تاغدىن چاڭغا تېيىلىش، مۇز تېيىلىش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. 

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيادىكى مۆتىدىل، قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرسسى 5.7، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسسى 40.5، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرسسى-41.5، يىلىغ ائوتتۇرا ھېساب بىلەن 36.7 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق كۈن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسى 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2733.6 سائەت، 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3063.3، قىروسىز مەزگىلى 156 كۈن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 277.6 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1914.1 مىللىمېتىر.

ئۈرۈمچى ناھىيىسىدە بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، نەنسەن شياۋچۈزى مەنزىرىسى، شۇيشىگۇ، يامالىق تېغى باغچىسى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#