بارسېلونا

بارسېلونا شەھىرى

بارسېلونا ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالى دېڭىز ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى، مادرىد شەھىرىدىن قالسا ئىسپانىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر.

نامى بارسېلونا
دۆلىتى ئىسپانىيە
تەۋە رايون ئىبېرىيە يېرىم ئارىلى شەرقىي شىمال رايون
نوپۇسى 1 مىليون 610 مىڭ ( 2012 )
چەتئەلچە نامى Barcelona
خەنزۇچە نامى 巴塞罗那
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 101.9 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بارسېلونائىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمالى دېڭىز ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت شەھىرى، ئەڭ چوڭ پورتى، مادرىد شەھىرىدىن قالسا ئىسپانىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر. بارسېلونا—يەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا، غەربتىكى تىبىدابو تېغىنىڭ شەرقىي يان باغرىغا، شەرقىي شىمالدىن ئېقىپ كېلىدىغان لىلىۋېرىگات دەريالىرىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 2 مىليوندىن ئاشىدۇ. بارسېلونا ئىسپانىيىنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ قەدىمدا بارسېنو، بارسېنونا دەپ ئاتالغان. باسېلونا شەھىرى مىلادى 415-يىلغا كەلگەندە كارتاكى شەھەرلىك كېنەزلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. 

بارسېلوناھازىرقى بارسېلونا شەھىرى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بادالونا، سابادىل، ئوسپىتالېت، تاراسا شەھەرچىلىرى بىرلىشىپ ئىسپانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائت رايونىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بارسېلونا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ جاي ئىسپانىيەنىڭ ئومۇملاشقان سانائەت مەركىزى بولۇپ، توقۇمىچىلىق، نەشرىياتچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ماشىنىسازلىقتىن باشقا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، نازۇك ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائەت، ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش، كېمىسازلىق، سۇلياۋ  قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. بارسېلونا ئىسپانىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا ئوتتۇرا ئەسىردە سېلىغان ھەرخىل شەكىلدىكى ھەشەمەتلىك چېركاۋلار، 1430-يىلى سېلىنغان بارسېلونا داشۆسى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، مۇزىكا—سەنئەت ئورۇنلىرى بار. بارسېلونا شەھىرىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ئىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەر رايونىدا سېلىنغان مېھمانخانا، دەم ئېلىش، ساياھەت ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. بارسېلونا پورتى ئىسپانىيىنىڭ چەت ئەللەر ئارا بولىدىغان سودا ئالاقىسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبىي ياۋرۇپا، شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە چىقىرىلىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى، سىرتتىن ئالىدىغان ماللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بارسېلونا پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#