كاناي ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاناي ياللۇغىكاناي ۋە كاناي شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش، قان تولۇش ۋە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، كىلىنىكىدا يۆتىلىش، قىزىش، بەلغەم تۈكۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملۇق زۇكام ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان كاناي ۋە شاخچە كانايلارنىڭ ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ماغدۇرسىزلىق، باش ئاغرىش، قىزىتىش، كۆپ بەلغەملىك يۆتەل، ھاسىراش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، نىشاستە، رۇببىسۇس 15 گىرامدىن، ئاق شېكەر 60 گىرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، بادام مېغىزى توققۇز گىرامدىن، گۇلاب ۋە بادام يېغى مەلۇم مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: سەمغى ئەرەبى ۋە كەتىرادىن باشقا دورىلارنى تالقانلاپ، گۇلاب ۋە بادام يېغى بىلەن نەمدەپ، قەنتنى قىيام قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سەمغى ئەرەبى بىلەن كەتىرانى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ئۈچ گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
كاناي ياللۇغىتەركىبى: غارىقۇن 12 گىرام، رۇببىسۇس تۆت گىرام، ئاق تۇربۇت 20 گىرام، ئايارەج پەيقىرا، ئاچچىقتاۋۇز، ئەنزىرۇت سەككىز گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قايناق سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
باشقا رېتىسىپلار
1-رېتسېپ:
زىغىر، بىھى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى بىر ئۇچۇمدىن ئىلىپ، قايناق سۇغا چىلاپ شىرنىسى ئىچىپ بېرىلىدۇ.
2-رېتسېپ:
بىھىنىڭ ئۇرىقىن دائىم شۈمۈپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3-رېتسېپ:
ئاقلەيلى گۈلى بىر سىقىم، ئاقلەيلى ئۇرۇقى ئۈچ چىمدىم، ھەمشىباھار گۈلى بىر سىقىم، بىھى ئۇرۇقى ئۈچ چىمدىم، ئەنجۈر مۇنىكى بەش تال قاتارلىقلارنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ ئىلىپ ئىچىپ بېرىلىدۇ.
4-رېتسېپ:
زىغىر يىغىدا تاماق ئېتىپ يېگەندە كاناي ياللۇغىنىڭ ساقىيىشى تېزرەك بولىدۇ.
5-رېتسېپ:
كۆك قاپاقنى ئېزىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئىككى تارغاقنىڭ ئارىلىقىغا تېڭىپ قويۇلىدۇ.
6-رېتسېپ:
كاناي ياللۇغىئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى بىر سىقىم، ئۈجمە يوپۇرمىقىنى ئىككى سىقىم ئىلىپ قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە بىر سىقىم ناۋات ئىلىپ سىلكىپ، قىزىتىپ ئېرىتىپ بولغاندىن كىيىن، ئىككىگە بۆلۈپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىچىشكە بېرىلىدۇ.
7-رېتسېپ:
بىر تال خام قاپاقنىڭ ئورۇقىنى ۋە پوستىنى ئېلىۋېتىپ، قاپاقنى ئۇششاق توغراپ، بىر ھەسسە ھەسەل بىلەن قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، بىر قوشۇقتىن ئىستېمال قىلسا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8-رېتسېپ:
بەش تال سەۋزىنى ئاقلاپ، ئوتتۇرىدىكى غولىنى ئېلىۋېتىپ ئۇششاق توغراپ، سۇدا قاينىتىپ ئبدان پىشقاندا سۈزۈپ سۈيىگە بىر قوشۇق شېكەر قوشۇپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە سەۋزىنى سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە كاناي ياللۇغى ساقىيىپ كېتىدۇ.
9-رېتسېپ:
بىر پىيالە ئانار شەربىتىگە بىر سىقىم ناۋاتنى سىلكىپ، سۇس ئوتتا قىيام قىلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم بىر قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
10-رېتسېپ:
ئون تال بادام مېغىزى، بىر سىقىم قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، ئۈچ چىمدىم ئاقلەيلى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، بىر قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خوتەن ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى .
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.