ئىران-ئىراق ئۇرۇشى

ئىران بىلەن ئىراق چېگرا تالاش-تارتىشى ئۈچۈن 1980-يىلى9-ئايدىن 1988-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر سەككىز يىل ئۇرۇشتى. بۇ ئىران-ئىراق ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ.

نامى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى
ئورنى ئەرەب دەرياسى
ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئىران 350 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، 700 مىڭ ئادەم يارىلاندىئىراق 180 مىڭ ئادەم ئۆلدى، 250 مىڭ ئادەم يارىلاندى
خەنزۇچە نامى 两伊战争
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئىران، ئىراق
ۋاقتى 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە
نەتىجىسى ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىرانئىراق ئۇرۇشىئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تالاش-تارتىش توختاپ قالمىدى. 1975-يىلى ئالجىرىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا، ئىران بىلەن ئىراق چېگرا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. 1979-يىلى ئىراندا ھۇمەينى رەھبەرلىك قىلغان «ئىسلام ئىنقىلابى» پارتلاپ، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، ئىراقنى ئاشكارا قوللاۋاتقان شىئە مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى «ئىسلام ئىنقىلابى» نى باشلىدى. بۇ چاغدا ئىراق ئىراندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غوۋغاسىنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېزدىن يامانلاشتى. 1980-يىل 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى سادام 1975-يىلىدىكى كېلىشىمنى بىكار قىلىشنى جاكارلىدى، 22-كۈنى ئىران بىلەن ئىراق ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتلىدى.

ئىرانئىراق ئۇرۇشى   ئۇرۇش باشلانغان ھامان ئىراق ئارمىيىسى ھۇجۇم ھالىتىدە تۇرۇپ، ئىراننىڭ 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن يېرىنى ئىگىلىۋالدى، 1981-يىلى 5-ئايدا ئىران ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپ، قولدىن كەتكەن كەڭ زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى. 1982-يىلى 6-ئايدا ئىراق يەككە تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇپ، ئارمىيىنى پۈتۈنلەي ئىران زېمىنىدىن چېكىندۈرۈپ چىقماقچى بولدى. 7-ئايدا ئىران ئارمىيىسى «رامزان ھەرىكىتى» نى قوزغاپ، ئىراق چېگرىسى ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى. 1983-يىلى ئىراق ئارمىيىسى باسراھدا لىنىيە تۈزۈپ، ئىران ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ تىركىشىش ۋە خورىتىش جېڭى قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئىراق يارىشىمەن دەپ نەتىجە چىقىرالمىدى، ئىران ھۆكۈمىتى ئۇرۇشۇپ غەلىبە قىلالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى تىزگىنلىمەكچى بولدى. 1984-يىلى 3-ئايدا ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپكە نېفىت توشۇۋاتقان چەت ئەل پاراخوتلىرىغا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىپ، «نېفىت ئۇرۇشى» نى باشلىدى، پارس قولتۇقى دېڭىز رايونى ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى قاپلىغان خەتەرلىك جايغا ئايلىنىپ قالدى. 1985-يىلى3-ئايدا ئىران بىلەن ئىراق يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ پايتەختىگە ھۇجۇم قىلىپ، «شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى» نى باشلىدى.

ئىران-ئىراق ئۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىگە غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى، بۇ ئۇرۇشتا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئىقتىسادىي زىيان نەچچە 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. 1987-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 598-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، ئىران بىلەن ئىراقتىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە ئىشقا ئاشمىدى. «ئۇرۇش قىلىش ھەر ئىككى تەرەپكە زىيانلىق، تىنچلىق ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق» . ب د ت نىڭ كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلىشى ئارقىسىدا، ئىران بىلەن ئىراق ئاخىر ب د ت نىڭ 598-نومۇرلۇق قارارىنى قوبۇل قىلىپ، 1988-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇرۇش توختاتتى. 

  • بىرىنچى مەزگىلدە، ئۇرۇش ئىران چېگرىسى ئىچىدە يۈز بەردى. 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە، ئىراق نۇرغۇن ئايروپىلان توپلاپ، ئىران پايتەختى تېھران قاتارلىق 15 شەھەر ۋە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. 23 - كۈنى سەھەر سائەت 2 دە، يەر يۈزى قىسىملىرى 5 شى يەنە 2 لۈي ،1200 دىن ئارتۇق تانكىنى ئىشقا سېلىپ، شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغىدى. 

  • ئىككىنچى دەۋر، ئۇرۇش ئىراق چېگرىسى ئىچىدە يۈز بەردى. 1982-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىران مەركەزلىك 120 مىڭ قوشۇن، تۇنجى قېتىم ۋە ھەمەداننى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى قوزغىدى. كۆپ قېتىم تالاش - تارتىشىش قىلىش ئارقىلىق، 9 - ئايدا ئىران ئارمىيىسى كونترول قىلدى، ئىراق چېگرىسى ئىچىدە، كۆلىمى تەخمىنەن 200 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تار بەلباغ ھاسىل بولدى. 10 - ئايدىن باشلاپ، ئىران يەنە 50 مىڭ ئارمىيىسىنى  ئىراقنىڭ شىمالى قىسمىدىكى مان دالى رايونىغاھۇجۇم قىلدى، ئىراقتا چوڭقۇر تۇقۇنۇش، باغدادقا تەھدىت پەيدا قىلدى. 

  • 1986 - يىلى، ئىراق - ئىران ئۇرۇشى يەنە بىر قېتىم كەسكىن ئۈچىنچى ئۇرۇش دەۋرىگە كىردى. ئىراننىڭ بىر ئۆتمۈشتىكى كۈچنى 

  • خورىتىش ئۇرۇشى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تېز ھەل قىلدى. 1986-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا، ئىران 90 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ چىقىرىپ ھۇجۇم قوزغىدى، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان ۋاكالەت نومۇرى « تاڭ نۇرى 8 - نومۇرلۇق » ھۇجۇمچى ئارقىلىق، ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى - فائونى ئىشغال قىلغان. 

  • تۆتىنچى دەۋرىدە، 1988 يىلى، — ئىراق - ئىران ئۇرۇشىدا زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان بىر يىل بولدى . 2-ئايدىن 4-ئايغىچە، ئىككى تەرەپ ئىشلەتكەن نەچچە يۈز دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ بازىسى، بىر مەيدان مىسلىسىز كەڭ كۆلەملىك « شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش » ئۇرۇشى قوزغىدى.   

ئىراق - ئىران ئۇرۇشى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1987 - يىلى ماقۇللاپ، ئىراقتىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ب د ت نىڭ 598 - نومۇرلۇق قارارى. قېتىم كۈن، ئىراقنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئىران دېڭىز يۈزىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلىدۇ، ھەمدە سەمىمىيىتىمنى ئىپادىلىدى. بىراق ئىران ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، تاكى 1988-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ب د ت  نىڭ 598 - نومۇرلۇق قارارى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

ئىراق - ئىران ئۇرۇشى يەتتە يىل 11 ئاي داۋاملاشتى، 20 - ئەسىردىكى ئەڭ ئۇزۇن جەڭلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىر مەيدان ئىسمى جىسمىغا لايىق، « مارافونچە يۈگۈرۈش » شەكىللىك خوراش ئۇرۇشى، بىر مەيدان ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن پايدىسى زىيىنىنى بولمىغان، غەلبە قىلغۇچى يوق ئۇرۇش. ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي زىيان ئېغىر بولدى، تەرەققىيات توختاپ قېلىش، نېفىت ئېكسپورت تۆۋەنلىدى، ئۇرۇشتا ھەربىي خىراجەت چىقىمى ۋە ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي بۇزغۇنچىلىق جەمئىي 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى ئاز دىگەندە 20 يىلدىن 30يىلغىچە  كېچىكتى. بۇ ئۇرۇش ئىلگىرى، ئىراقنىڭ تاشقى پېرېۋوت قالدۇقى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. [0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#