نيۇيورك

نيويورك

نيۇيورك شەھىرى ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، كاپىتالىزم دۇنياسى بويىچە ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى. 159 دۆلەت ئەزا بولغان (1984-يىل 12-ئاي) ب د ت نىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى جايلاشقان شەھەر، ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆت پورتنىڭ بىرى. نيو-يورك شەھىرى ئا ق ش نىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى گوتزۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا جايلاشقان. 

نامى نيۇيورك
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 830 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ
چەتئەلچە نامى New York
قارمىقىدىكى رايونلار مانخاتتان رايونى، بروكلىن رايونى، بوركىس رايونى، كونىس رايونى، رىنموند رايونى
خەنزۇچە نامى 纽约
تەۋە رايون ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
نوپۇسى 8 مىليون 491 مىڭدىن ئاشىدۇ(2014)
باشقا نامى 大苹果、不夜城、高谭市、世界之都
دىيالېكتى ئىنگلىز تىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نيويورك  نيۇيورك شەھىرى ئامېرىكا قوشما شتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى، كاپىتالىزم دۇنياسى بويىچە ئەڭ چوڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى. 159 دۆلەت ئەزا بولغان (1984-يىل 12-ئاي) ب د ت نىڭ باش ئىش باشقۇرۇش ئورنى جايلاشقان شەھەر، ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆت پورتنىڭ بىرى. ئاھالىسى 8 مىليون 491 مىڭدىن ئاشىدۇ(2014). يەر مەيدانى 830 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.

نيۇيورك ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە پورتى. ئۇ مانخاتتان، برونكس، برۇكلىن، كۋېنس ۋە رىچموند قاتارلىق بەش نىسپىي مۇستەقىل رايوندىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرى، داڭلىق جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا150 مىڭ جۇڭگولۇق بار؛ بۇ يەردىكى ئىتالىيىلىكلەر ۋېنىتسىيىلىكلەردىنمۇ كۆپ. كىشىلەرنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى خىلمۇخىل بولۇپ، ھەر خىل ئىرقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بار.

نيۇيورك ئا ق ش نىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى خۇدسون دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. 1609-يىلى گوللاندىيىگە قاراشلىق غەربىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ئامېرىكىلىق خېنرى. خۇدسون ئەڭ بۇرۇن بۇ يەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان. 1626-يىلى گوللاندىيىلىكلەر شۇ يەرلىك ئىندىئانلارنىڭ قولىدىن مانخاتتان ئارىلىنى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان. 1664-يىلى ئەنگلىيىلىكلەر مانخاتتان ئارىلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامىنى «نيۇيورك» قا ئۆزگەرتكەن، ئۇ ئىنگلىز تىلىدا «يېڭى يورك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەنگلىيىدە ئەسلىدە «يوركشىر» دېگەن يەر بار ئىدى.

چوڭ نيۇ-يورك شەھىرى

چوڭ نيۇيورك شەھىرى نيۇيورك شەھىرى ئەتراپىدىكى 60 دىن ئوشۇق كىچىك شەھەرچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ نيۇ-يورك شەھىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. چونيۇ-يورك شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 11 مىليون 570 مىڭدىن ئوشۇق(1981) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نىگېرلار بىر مىليون 600 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە نىگېرلار كۆپ مەركەزلەشكەن شەھەرلەرنىڭ بىرى.




نيۇيورك شەھىرى ئا ق ش نىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى گوتزۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىغا يەنى ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقى بويلاپ شەرقىي شىمال قىسمىغا  جايلاشقان. تەخمىنەن ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ۋە بوستون ئوتتۇرسدىكى ئورۇن.

نيۇيورك شەھىرىنىڭ كىلماتى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغقا تەۋە. تۆت پەسىلى ئېنىق. ھۆل-يېغىن مىقدارى يېتەرلىك، ھاۋاسى يېقىملىق. ياز پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 23 سېلسىيە گرادۇس ، قىش پەسىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 1 سىلسىيە گىرادۇس. 

نيويورك نيۇيورك شەھىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى جايلاشقان مانخاتتان ئارىلىغا 1609-يىلى گوللاندىيىنىڭ غەربىي ھىندى شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھىنرىي خورسون دېگەن كىشى كەلگەن. ئۇ 1613-يىلى ئارالنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە كەپە ياساپ ئەتراپلاردىن يىغقان يۇڭ، تېرىلەرنى ساقلىغان ھەم بۇ جايغا «يېڭى ئامىسىتېردام» دەپ نام بەرگەن. 1662-يىلى گوللاندىيىنىڭ غەربىي ھىندى شىركىتى تەخمىنەن 24 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە ئىگە بىر تۈركۈم پىچاق، مارجان، ئويۇنچۇقلار ھېسابىغا شۇ جايدىكى ئىندىئانلار قولىدىن مانخاتتان ئارىلىنى سېتىۋالغان. دۇنيادا ئەنگلىيە، گوللاندىيە ئۈستىدىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇ رايونمۇ ئەنگلىيىنىڭ قولىغا ئۆتكەن.

نيويورك نيۇيورك شەھىرى ئا ق ش نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تارماق تۆمۈر يوللار بار. نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ يەر ئاستى تۆمۈر يول قاتنىشىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يولى 1868-يىلى سېلىنغان، 1979-يىلغىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 393.3 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە لوندوندىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر كۈنى بىرنەچچە مىليون كىشى يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرى ئارقىلىق قاتنايدۇ.

نيويورك نيۇيورك ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى، ئۇ يىلىغا 150 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈكنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئا ق ش نىڭ چەت ئەللەر ئارا بولىدىغان سودا ئالاقە ئومۇمىي قىممىتىدە %40 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك، نەشرىياتچىلىق، پەرداز بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرى دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇلاردىن قالسا ماشىنىسازلىق، ھەربىي قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مېتالچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ئېغىر تىپتىكى خىمىيە قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.

نيۇيوركشەھەر مەركىزىدىكى مانخاتتان رايونى نيۇيوركنىڭ سودا-سانائەت مەركىزى، شۇنداقلا ئەڭ ئاۋات رايونى. دۇنيانىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان خۋال كوچىسى ئۇنىڭ جەنۇبى قىسمىدا. خۋال كوچىسى ئۇزۇنلۇقى ئارانلا54.0 كىلومېتىر، كەڭلىكى11 مېتىر كېلىدىغان كوچا، بىراق كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاسمان-پەلەك ئېگىز بىنالار قۇياش نۇرىنىڭ كوچىغا چۈشۈشىنى يىل بويى توسۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ كوچىغا كىرسىڭىز، خۇددى تار جىلغىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. ئا ق ش دىكى مونوپول گۇرۇھلار بىلەن ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ يەردە مەركىزىي ئورۇنلىرى بار، ھەرقايسى ئاكسىيە بىرژىسى بۇ يەردە سودا قىلىدۇ. مانخاتتاننىڭ شەرقىدىكى دەريا ساھىلىدا ھېچقانداق دۆلەتكە تەۋە بولمىغان «خەلقئارالىق زېمىن» بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابى تۇرۇشلۇق ئورۇن. 1951-يىلى بۇ يەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەھىرى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى39 قەۋەت كېلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات بىناسى، بىنانىڭ شىمالىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىن زالى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق يىغىن زاللىرى بار. ئا ق ش دىكى ئۈچ چوڭ رادىئو تورىنىڭ باش شىركەتلىرى نيۇيورك شەھىرىدە، شەھەردە قاتار-قاتار ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، چوڭ-كىچىك كوچىلاردا پىكاپلار توختىماستىن قاتناپ تۇرىدۇ.

نيۇيورك شەھىرى مانخاتتان رايونى، بروكلىن رايونى، بوركىس رايونى، كونىس رايونى، رىنموند رايونىدىن ئىبارەت بەش رايونغا بۆلۈنىدۇ.

نيۇيوركنيۇيورك شەھىرىدە  1754-يىلى قۇرۇلغان كولومبىيە ئۇنۋېرسىتېتى. 1847-يىلى قۇرۇلغان نيۇ-يورك ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېت، موزېي، كۇتۇپخانا، پەن تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە سەنئەت مەركەزلىرى بار، ئۇ ھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات-نەشرىيات مەركىزىدۇر. پۈتۈن شەھەردە تەخمىنەن90 خىل كۈندىلىك گېزىت، 700 خىلدىن ئارتۇق ھەپتىلىك ژۇرنال بار. مەملىكەتتىكى ئىككى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى(ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بىلەن قوشما شتاتلار خەلقئارا ئاگېنتلىقى) مۇشۇ شەھەردە. نيۇيوركتا نەشر قىلىنىدىغان كىتابلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەشر قىلىنىدىغان كىتابلارنىڭ4 /3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

نيۇيورك نيۇيورك ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەم مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا ھەيۋەتلىك چوڭ ھەم ئېگىز بىنا (111 قەۋەتلىك) سودا ماگىزىنلىرى، ئەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلى، چوڭ شەھەر سەنئەت مۇزېيى، دەۋر مەيدانى، چوڭ بانكىلار، ئاسمان-پەلەك بىنالار، تىياتىرخانىلار، باغچىلار، مۇزېيلار، كىننېدى ناملىق ئاتاقلىق خەلقئارا ئايرودرومى بار.




ئەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلى

ئەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلىئا ق ش نىڭ نۇرغۇن كىتاب-ژۇرناللىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا بېشىغا گۈل تاج كىيگەن، ئوڭ قولىدا مەشئەلنى ئېگىز كۆتۈرگەن، سول قولىدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى تۇتقان بىر ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنىڭ سۈرىتىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، مانا بۇ نيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئارىلىغا تىكلەنگەن ئەركىنلىك ئايال ئىلاھ ھەيكىلى. ئۇ ئا ق ش نىڭ سىمۋولى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#