ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى روسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. 

نامى ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى
ۋاقتى 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈندىن 1943-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە
ئورنى روسىيە فىدراتسىيەسى، ۋولگا دەرياسى ۋادىسى، ستالىنگراد
خەنزۇچە نامى 斯大林格勒会战

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىستالىنگراد روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىسمى ۋولگوگراد. ستالىنگراد ئۇرۇشى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا روسىيە فىدراتسىيەسى ناتسىست گېرمانىيە جەنۇبى قىسىمدىكى شەھەر ستالىنگرادنى تالىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش بۇلۇپ ۋاقتى 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 1943-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە. 1942-يىلى فاشىستىك گېرمانىيە زور تۈركۈمدىكى ئارمىيىنى يۆتكەپ كېلىپ، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالىي قوماندانىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئىككى تەرەپ بۇ يەردە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك قانلىق جەڭ قىلدى. 

ستالىنگرادنىڭ سىرتىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەسكىن ئۇرۇش

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى1942-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ستالىنگرادنىڭ سىرتىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەسكىن ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى ۋە خىل قورال-جابدۇقلىرىغا تايىنىپ مۇداپىئە لىنىيىسىنى ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتۈپ، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شەھەر ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى، بۇ چاغدا ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقتى. ستالىنگرادنى قوغداۋاتقان ئارمىيە ۋە خەلق ستالىننىڭ «بىر قەدەممۇ چېكىنمەيمىز! » دېگەن چاقىرىقى بىلەن، ئالىقانچىلىك يېرىنىمۇ قوغداش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ھەربىر كوچا، ھەربىر كورپۇس ئۆي، ھەتتا ھەربىر قەۋەتتىكى ھەربىر ئۆيدە دۈشمەن بىلەن قايتا-قايتا ئېلىشىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

سېرژانت پاۋلوۋ رەھبەرلىكى

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىسېرژانت پاۋلوۋ رەھبەرلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا دۈشمەننىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى، تانكىلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنىڭ تەكرار تۇيۇقسىز زەربىسىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرۈپ، ۋەيران بولۇپ كەتكەن بىر بىنا ئىچىدە ئىككى ئايدىن ئارتۇق چىڭ تۇردى، بۇ بىنا يېڭىۋاشتىن سېلىنغاندىن كېيىن، پاۋلوۋ بىناسى دەپ نام بېرىلدى، بىر ئېگىزلىكنى قوغداۋاتقان 11 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت جەڭچى ئۆزىدىن 30 ھەسسە ئارتۇق دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بېرىپ، ھەممىسى مەردلەرچە قۇربان بولدى، كېيىن بۇ ئېگىزلىكنىڭ نامى شەرق مىللىتىنىڭ 11 قەھرىمان ئېگىزلىكى دەپ ئاتالدى. پۈتۈن بىر شەھەر ئوت دېڭىزىغا ۋە خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، قەھرىمانلار دەريا بويىدىكى تار ھەم ئۇزۇن بەلۋاغنى ۋە بىرقانچە مۇھىم بازىنى تاكى ئەڭ ئاخىرغا قەدەر مەھكەم تىزگىنلەپ تۇردى، گىتلېر بۇ شەھەرنى باشتىن-ئاخىر پۈتۈنلەي ئىشغال قىلالمىدى.

باتۇر قوغدىغۇچىلار كۆپلىگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، قايتۇرما ھۇجۇم ئۈچۈن ۋاقىت ھازىرلىدى. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ بىر تۈركۈم جانلىق كۈچى قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلاپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى قورشاش چەمبىرىكىنى تەشكىللىدى. كەسكىن جەڭ ئارقىلىق 1943-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگە كەلگەندە قورشاۋدا قالغان گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 330 مىڭ ئادىمىنى تولۇق يوقاتتى.

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى روسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فاشىستىك گېرمانىيىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇم قوزغىغۇدەك مادارى قالمىغانلىقتىن، ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئە ۋە چېكىنىشكە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھالاكىتىدىن بېشارەت بېرەتتى.

ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىستالىنگراد ئۇرۇشىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە 1945-يىلى «قەھرىمان شەھىرى» دەپ نام بېرىلدى. 60-يىللاردا روسىيە فىدراتسىيەسى شەھەر سىرتىدىكى تاغ - ئېدىرلىق بولغان ئېگىزلىكى 52 مېتىر كېلىدىغان روسىيەنىڭ «خاتىرە مۇنارى» نى تىكلەپ بەردى ھەم روسىيە ئانام دەپ يازغان. ھەيكەل ئىچىدە ئەينى چاغدا جەڭ قىلغاندا پارتلاپ خارابىلىككە ئايلاندى. چوڭ ئاشلىق ئامبىرى ۋە پاۋلوۋ بىناسى قاتارلىقلار جەڭنىڭ شاھىدى بۇلۇپ  تا بۈگۈنگە قەدەر ئېكسكۇرسىيە قىلغانلارنى كۈتۈۋالدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#