ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش

ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش

ئاۋازى بوغۇلۇپ قېلىش قىسقارتىلىپ ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش دېيىلىدۇ، بۇ جاراڭلىق نورمال تەلەپپۇز قىلىشتىن ئايرىلىپ قېلىش دېگەنلىك، ئەسلىدىكى ياڭراق ئاۋاز ئۆزگىرىپ گىژىلداپ چىقىش ياكى ئاۋاز چىقماسلىق. ئۈنى پۈتۈپ قېلىش دېگىنىمىز : تەلەپپۇز قىلغاندا ئاۋازدا تەۋرىنىش بولمايدۇ، ياكى تەۋرىنىش ناھايىتى ناچار بولۇپ، ئاۋاز چىقىرالماي قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. . 

غەرب تېبابىتى نامى ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش
كېسەللىك سەۋەبى مىجەز بۇزۇلۇش، زۇكامنىڭ نەزلىسى تەستە ساقىيىش، گالنىڭ قۇرغاقلىقى ئېشىپ كېتىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشلار، زۇكام ئادەملەر، تاماكا چەككۈچىلەر
كېسەللىك ئورنى گال
ئاساسلىق ئالامىتى گال ئىچى قىچىشىپ، قۇرۇپ تۇرۇش، بەزىدە گال قوشۇلۇپ ئاغرىش، سۆزلىگەندە ئاۋاز تولۇق چىقماي، خىرقىراپ قېلىش
خەنزۇچە نامى 声嘶
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى Hoarseness

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مىجەز بۇزۇلۇش، زۇكامنىڭ نەزلىسى تەستە ساقىيىش، گالنىڭ قۇرغاقلىقى ئېشىپ كېتىش، سىرتتىن سوغۇق ۋە زىيادە غىدىقلىغۇچىلارنىڭ تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: گال ئىچى قىچىشىپ، قۇرۇپ تۇرۇش، بەزىدە گال قوشۇلۇپ ئاغرىش، سۆزلىگەندە ئاۋاز تولۇق چىقماي، خىرقىراپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: كەتىرا، نىشاستە، سەمغى ئەرەبى، رۇببىسۇس، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىدىن باراۋەر مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ شىرىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

2-رېتسېپ

ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشتەركىبى: زىغىر ئۇرۇقى، ئاچچىق بادام مېغىزى، رۇمبەدىيان، رۇببىسۇس، ئەرەب يېلىمى ئۈچ گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بېھى ئۇرۇقى شىرىسى بىلەن خېمىر قىلىپ، نۇقۇتتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ تالدىن شۈمۈلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: زىغىر 90 گىرام، قەردمانە 30 گىرام، ھەسەل مەلۇم مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گىرام دورا مۇۋاپىق مىقداردا ئەرەقى بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#