شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.
يۇلتۇزسوفتنىڭ باشقۇرۇشىدا شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىككى شىركەت بار. پات ئارىدا ئاقسۇغا شۆبە شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش، IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، IDC تور مۇلازىمىتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
يۇلتۇزسوفت ئىككى جايدىكى خىزمەت ئورنىدا 37 نەپەر يۇقىرى ساپالىق، تېخنىكىلىق خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا، 500 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كۆلەمدىكى تىنچ، ئازادە، ئۆلچەملىك ئىشخانا مۇھىتىغا ئىگە.
يۇلتۇزسوفت شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نوپۇزلۇق IT شىركەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، IT تېخنىكىلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، قىيىن ئۆتكەللەرگە ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، يېڭى ئىدىيەگە، ئىجادىيلىققا ئىگە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تۈر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تۇتقان.
يۇلتۇزسوفت «يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا كارخانىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىگە ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى - ‹كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش› ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى كارخانا»، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى ‹گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى› نامىنى بەرگەن كارخانا»، «خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان كارخانا»، «بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى» قاتارلىق سالاھىيەت ۋە شەرەپلەرگىمۇ ئىگە.
يۇلتۇزسوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يۇلتۇزسوفت شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلىنغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇلتۇزسوفت شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقات دائىرىسىدە ۋاقىت، سۈپەت ۋە ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ھەرقايسى ئورۇنلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.
نۆۋەتتە، يۇلتۇزسوفت جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.
تەسەۋۋۇر كۈچى / Vision
شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.
يېڭى ئىدىيەگە، ئىجادىيلىققا ئىگە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تۈر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى
ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش
IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش
ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش
ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش
ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى
IDC تور مۇلازىمىتى
ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى
IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى
IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش
يۇلتۇزسوفتتا مۇقىم ئىشلەيدىغان 20 نەپەر كەسپىي ۋە مەمۇرىي خادىم، سىرتتىن ئىشلەيدىغان 6 نەپەر كەسپىي خادىم بار بولۇپ بولۇپ، خادىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ IT غا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن، ئۆز كەسپىدە مۇئەييەن ئەمەلىي نەتىجە قازانغان خادىملار.
خادىملار ئىچىدە ماگىستىر 2 نەپەر، تولۇق كۇرس 16 نەپەر، مەخسۇس كۇرس 4 نەپەر؛ دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىدا 4-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 1 نەپەر، 3-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 18 نەپەر، 2-دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر 4 نەپەر.
شىركەت مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش تارىخىغا، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى. ئۇ پىروگرامما لايىھەلەش، يۇمشاق دېتال ئېچىش، يۇمشاق دېتال تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتتە 20 نەچچە يىللىق تەجرىبىگە ئىگە،، #NET , C/C. ۋە PHP/MYSQL پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ.
نۆۋەتتە ئەمەتجان رۇسۇل باشچىلىقىدىكى يۇلتۇزسوفت قوشۇنى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.
يۇلتۇزسوفتيۇلتۇزسوفت ئاپتونوم رايونىمىزدا خېرىدارلار ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى. يۇلتۇزسوفتنىڭ %50 كىرىمى كونا خېرىدارلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشى ئارقىلىق كەلگەن يېڭى خېرىدارلاردىن، %40 كىرىمى كونا خېرىدارلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىدىن، %10 كىرىمى بازار ئېچىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىدىن كېلىدۇ.
يۇلتۇزسوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
يۇلتۇزسوفت نەچچە يىلدىن بۇيان شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى جەريانىدا، كۆپ تەجرىبىلەرنى جۇغلىدى. شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ئاز پۇل خەجلەپ زور ئۈنۈم يارىتىشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلار ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى سۇپىلارنى ھازىرلىدى. يۇلتۇزسوفت ئەلا مۇلازىمىتى ئارقىلىق، شىركەت ۋە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا كارخانىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا
شىنجاڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىگە ھەيئەت ئەزا كارخانا
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا
دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى - «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى كارخانا
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى «گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى» نامىنى بەرگەن كارخانا
خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان كارخانا
بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا
ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا
تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى
يۇلتۇزسوفت رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم شىركەت، ئىدارە-ئورگان ۋە شەخىسلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ئۆزئارا قوللاش ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇ ھەمكارلىق ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلىپ كەلمەكتە.
تۆۋەندە بىر قىسىم ھەمكارلاشقۇچىلار ئىسىملىكى بېرىلدى.
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى
ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى
«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى
ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىك چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ بىلكان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى ئورخۇن كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى
شىنجاڭ يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ ئۇيغار ئېلان مېدىيا چەكلىك شىركىتى
چۈشتاق لايىھە خىزمەتخانىسى
يۇلتۇزسوفت رايونىمىز ئىچى -سىرتىدىكى بىر قىسىم شىركەت، ئىدارە-ئورگان ۋە شەخىسلەرنىڭ مۇلازىمىتىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا قىلىنغان بۇ مۇلازىمەت ھەر ئىككى تەرەپنى رازى قىلىپ كەلمەكتە.
تۆۋەندە بىر قىسىم خېرىدارلار ئىسىملىكى بېرىلدى.
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى
2017-يىلى 4-ئايدا، شىركەت لىدېرىنىڭ «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالىسى دۆلەت ئىچىدىكى شىنجاڭ گېزىتى (خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، خۇڭشەن تورى، شىنلاڭ تورى، بەيدۇ تورى، لوياڭ تورى، ئىلى تورى قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى.
بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىيەتكە قارىتا بىلدۈرگەن تۇنجى ئوچۇق خەتلىك ماقالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2017-يىلى يازدا، شىركەت لىدېرى شىنجاڭ تور ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى (自治区党委网信办) نىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۇچتۇرپاندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ھەرقايسى مەكتەپ، ساقچىخانا، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا «پارتىيەدىن، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، قوش تىل مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە لېكسىيە سۆزلىدى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.