خەرنۇب
خەرنۇب توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، چىش مىلىكىنى چىڭىتىش،ئاغرىق پەسەيتىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر خىل دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل دەرەخ مەھەللىنىڭ ۋە جاڭگالنىڭ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆلكىدە بولىدىغىنى چوڭ بولۇپ، ياڭاق دەرىخىدەك كېلىدۇ، يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ ۋە بەك كەڭ، سىلىق، سەل يۇمىلاقراق،بىرئاز قېلىن، توق يېشىل رەڭلىك بولۇپ، گۈلى سېرىق ئېچىلىدۇ، مېۋىسى غىلاپلىق بولۇپ، غىلاپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئىچىدە ئۇرۇقى بار. جاڭگالدا بولىدىغىنى يەنە ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى ئۆلكىنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ، لېكىن بۇ يېيىلمەيدۇ، ئۇنى قوي، ئۆچكىلەر يەيدۇ، يەنە بىرى، كىچىكرەك بولۇپ، بۇنىڭ مېۋىسى يېيىلىدۇ. بۇ خىل دەرەخ چىقىش ئورنىدا ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ: (1) خەرنۇپ شامى (Ceratonia siliquae) بولۇپ، بۇنى ئەرەبچىدە «خورنو»، پارسچە «كۇزرە» دەيدۇ. (2) خەرنۇپ نەپتى ۋە ئەرەبچىدە «خورنوبۇششۇك»، «خونويۇلمەغرىبى»، پارسچە «گىردە»، ھىندىچە «كەندى» دەپ ئاتايدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەھەللىنىڭ بولۇپ، بىر يىلدىن ئاشمىغىنىدۇر. بۇنىڭ غىلىپى توم، مېۋىسى دانلىق، تەمى تاتلىق، رەڭگى قارامتۇل كېلىدۇ.
1. خەرنۇپ شامى (Ceratonia siliquae) توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، بەدەننى سەمىرىتىش، قان توختىتىش، ئىششىق تارقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئىچى سۈرۈشنى ۋە يۆتەلنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 2. خەرنۇپ نەپتى: سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق قايتۇرۇش، يۇمشىتىش،ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش،ئومۇمىي بەدەننى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش،ھەرقانداق ئەزادىن كەلگەن قاننى توختىتىش،چىش مىلىكىنى چىڭىتىش،ئاغرىق پەسەيتىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
1. خەرنۇپ شامى (Ceratonia siliquae) 1.
خەرنۇپ يىلتىزىنى سۇغا چىلاپ بۇنىڭدىن 50 مىللىلىتىر سۇنى ئىچكۈزۈلسە كونا يۆتەل ۋە زىققا كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. 2.ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، سوڭى چىقىپ قالغانلارغا سىرتتىن بېسىلىدۇ ۋە بۇرۇندىن كەلگەن قاننى توختىتىش ئۈچۈن تالقان تەييارلاپ يېگۈزۈلىدۇ. سوقۇپ تەييارلاپ چىشقا بېسىلسا چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. 3. مۇۋاپىق مىقداردىكى خەرنۇپنى سوقۇپ تالقانلاپ يەپ بەرسە، سەمرىتىدۇ، سېرىق ئەت يېرىلىشنى يوقىتىدۇ. 4. مۇۋاپىق مىقداردىكى خەرنۇپنى چاي بىلەن خېمىر قىلىپ تاياق تەگكەن يەرگە يېقىلىپ ئاغرىغان يەرگە چاپسا، ئاغرىقنى قالدۇرىدۇ. 2. خەرنۇپ نەپتى: سۈيدۈك تۇتۇلۇش،ئىچ سۈرۈش، ئىشتىھاسىزلىق، بەدەن ئاجىزلىقى، مەقئەت چىقىپ قېلىش، قان تۈكۈرۈش، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىقلار ۋە كونا يۆتەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
2. خەرنۇپ نەپتى:
1. زىرە، بەدىيان، پىننە، خەرنۇپ نەپتى ھەر بىرىدىن 10 گرام، ناۋاتتىن 50 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 2. كەھرىۋا، ئەرەب يېلىمى، كەتىرا، خەرنۇپ نەپتىنىڭ ھەربىرىدىن 5 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ، ئىچكى تەرەپتىن ئىچىپ بەرسە ياكى تاشقى جاراھەتلەرگە سەپسە، ئىچكى – تاشقى ئەزالاردىكى قاناشقا مەىپەئەت قىلىدۇ. 3. خەرنۇپنى خېنە بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، سۈيىدە چاچنى يۇيسا، چاچنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چاچقا ئاق كىرىشنى توسايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.