ئورىنوكو دەرياسى

ئورىنوكو دەرياسى

ئورىنوكو دەرياسى  جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى ۋېنېسۇئېلا بىلەن برازېلىيە چېگرىسىدىكى پارىما تېغىدىن باشلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئورىنوكو دەرياسى
چەتئەلچە نامى Orinoco
خەنزۇچە نامى 奥里诺科河

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورىنوكو دەرياسىجەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئۈچىنچى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى ۋېنېسۇئېلا بىلەن برازېلىيە چېگرىسىدىكى پارىما تېغىدىن باشلىنىدۇ، يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۈيى تېز، شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمال يۆنىلىشىدە ئېقىپ، سان فېرناندوغا كەلگەندە شىمالغا بۇرۇلۇپ ئېقىپ، 420 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كولومبىيە بىلەن ۋېنېسۇئېلانىڭ چېگرىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، مېتا دەرياسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن شەرقىي شىمالغا بۇرۇلۇپ ئاقىدۇ. باررانكاستىن تارتىپ ئاتلانتىك ئوكيانغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا قەدەر 17 تارماققا بۆلۈنۈپ، مەيدانى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېلتا شەكىللەندۈرگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2730 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. كۆلىمى 944 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريانىڭ مېتا، ئاراۋكا، ئاپۇرې كاۋرا ۋە كارونى قاتارلىق مۇھىم تارماقلىرى بار. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنى كاسىكيارى قانىلى ئارقىلىق ئامازون دەرياسىنىڭ رىئو-نېگرو تارمىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. 

ئورىنوكو دەرياسى يامغۇرى كۆپ بولغان تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان بەلبېغى بىلەن تروپىك ساۋاننا بەلباغلىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغانلىقتىن، سۈيى ناھايىتى مول، تاشقىن مەزگىلىدە(ھەر يىلى 4-، 10-ئايلاردا) ئەتراپىدىكى كەڭ دائىرىلىك ئوزۇنلارنى سۇ بېسىپ كېتىدۇ. دەريانىڭ غول ھەم تارماق ئېقىنلىرىدا تېيىز ئېقىنلار، شارقىراتمىلار كۆپ، سۇ ئېنېرگىيىسى مول بولۇپ، نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. دەريانىڭ كۆپ قىسمىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. ئاياكوچاۋ پورتىدىن باشلاپ دەريا پاراخوتلىرى، بولىۋار شەھىرىدىن باشلاپ ئوكيان پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#