جۇ زىچىڭ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇ زىچىڭ كىشىلىك تۇرمۇشقا ئۇدۇل قاراپ، دەۋرگە يېقىن ئەگەشكەن. قاراڭغۇلۇقنى ئاشكارىلاش ۋە يورۇقلۇقنى مەدھىيىلەش ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى؛ ئەسەرلىرى روشەن رېئال خاراكتېرگە ئىگە. مەسىلەن، «قوي پادىسى» دا، سۈپسۈزۈك ئايدىڭدا بۆرىنىڭ قويلارنى يېگەن مەنزىرىسى ئارقىلىق كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان جىنايەتكار جەمئىيەتكە دارىتمىلاپ، ئۆزىنىڭ زىيانلانغۇچىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئادەمخورلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ. «كىچىك كېمە بۆلمىسىدىكى ھازىرقى زامان» دا ئۇششاق سودىگەرلەر ئارىسىدا بىرنەچچە يارماق ئۈچۈن يۈز بەرگەن كۈرەش ئارقىلىق كىشىلەرگە بۇرۇقتۇرمىلىق جەمئىيەتنى تونۇتىدۇ. «شىمالىي قىرغاقتىكى يول چىرىغى، كۆمۈر» قاتارلىق شېئىرلىرىدىمۇ نەرسىلەر ئارقىلىق كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى قىلىپ، يورۇقلۇققا ئىنتىزارلىق، مىللەتنىڭ يېڭى ھاياتىغا ئىنتىزارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن، پائال ئالغا بېسىش روھىغا تولغان.
جۇ زىچىڭنىڭ نەسرلىرىمۇ ئوخشاشلا «كىشىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» مەقسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قان-ياشقا تولغان جەمئىيەت رېئاللىقىنى ئېچىپ تاشلايدۇ ۋە قامچىلايدۇ. «جاننىڭ باھاسى − يەتتە موچەن»، دە بەش ياشلىق بىر قىز بالا جان بازىرىدا يەتتە موچەنگە سېتىلغان ئېچىنىشلىق ۋەقە بايان قىلىنغان؛ «ئاق تەنلىكلەر − تەڭرىنىڭ ئەركىسى» دە، مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ھاقارەتلىك ھېسسىياتنى ئىپادىلىگەن؛ «ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى» دا، بىۋاسىتە قاتناشقۇچى سالاھىيىتى بىلەن، شىمالىي مىلىتارىست دۇەن چىرۈي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنى قىرغىن قىلغان جىنايىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. جۇ زىچىڭ بەزى نەسرلىرىدە ئۆزىنى يېزىش، ئائىلىنى يېزىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى يان تەرەپتىن ئېچىپ تاشلىغان، ئۇ گەرچە داغدۇغىلىق چۇقان بولمىسىمۇ، لېكىن ئازابلىق شىكايەت ئىدى. «لايىق تاللاش» تا، يىگىت-قىزلارنىڭ فېئوداللىق نىكاھنىڭ ئاسارىتىدىكى ئاچچىق تۇرمۇشى ئېچىپ بېرىلگەن؛ «مەرھۇم ئايالىمغا» ، «پەرزەنتلەر» ، «دادامنىڭ سىيماسى» لاردا ئائىلە ئەھۋالىنىڭ مۇشكۈللۈكى ۋە تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقايلىقى ئارقىلىق ئادەمگەرچىلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
جۇ زىچىڭنىڭ ساياھەت خاتىرىسى شەكلىدىكى نەسرلىرى كىشىگە تېخىمۇ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، مەسىلەن: «چىنخۇەي دەرياسىدىكى پالاق ئاۋازى ۋە چىراغ شولىسى، نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى، باھار، يېشىللىق، سۈزۈك سۇ بويىدا» لارغا ئاپتورنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، جۇشقۇنلۇق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرلەر ساددا، يېقىملىق، تىلى گۈزەل، پىششىق.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.