ياچىۋەك تۇخۇمى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياچىۋەك تۇخۇمى بولسا ياچىۋەك تۇخۇمىنىڭ قېپى بولۇپ، شەكلى ئۇزۇنچاق، تۇخۇمسىمان، رەڭگى ساغۇچ قوڭۇر، قاتمۇقات قەغەزسىمان ماددىدىن تۈزۈلگەن، چىڭ ھەم يېنىك بولۇپ، شاخقا يېپىشىپ تۇرغان تەرەپتە ئۇزۇن چوڭقۇر ئوقۇرى بولىدۇ، دۈمبە تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۆرتۈپ چىققان قىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن تۇخۇمى بار، بۇ قاپ «تۈشك تەۋرەتى»، «خىمىل دەستەڭ» ياكى « ياتا تۇڭ » ھەم «ياچىۋەك تۇخۇمى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن بولۇپمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن كۆپرەك چىقىدۇ.
مەنىي تۇتۇش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈكنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىش خۇسۇسىيىتى بار.
تەركىبىدە ئاقسىل، ماي، يىرىك تالا، تۆمۈر، كالتسىي، كاروتىن، لىمۇن كىسلاتاسى، ئامىنو كىسلاتاسى، تىرىئوتىن، ھىستىرىن قاتارلىقلار بار.
سىيگەكلىك، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ياچىۋەك تۇخۇمى1. ياچىۋەك تۇخۇمى ۋە قانتېپەر 12 گرام، سېرىقيۆگەي ئۇرۇقى، مالىنادىن 20 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە سۇدا قاينىتىپ ئىچسە، سىيگەكلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ياچىۋەك تۇخۇمىدىن 8 گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تۇز بىلەن قوشۇپ ئىچسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ياچىۋەك تۇخۇمى، سېرىقيۆگەي ئۇرۇقى، ئالقاتتىن 12 گرامدىن؛ قانتېپەردىن6 1 گرام ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان ئاق خۇن كۆپ كېلىش، بەل تېلىپ ئاغرىش ۋە ماغدۇرسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
لۇبۇبى كەبىر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.