ئات گۆشى

ئات گۆشى

بۇ ھايۋانات ھەممىگە تونۇش بولغان ئات ئائىلىسىدىكى مەشھۇر ھايۋان بولۇپ، بۇ ھايۋاناتنىڭ گۆشى «ئات گۆشى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. «تەبىئەت» نى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، روھنى كۈچلەندۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىش، بەدەن ھارارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، باھنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

دورا نامى ئات گۆشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 马肉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ ھايۋانات ھەممىگە تونۇش بولغان ئات ئائىلىسىدىكى مەشھۇر ھايۋان بولۇپ، بۇ ھايۋاناتنىڭ گۆشى «ئات گۆشى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئات گۆشى تەركىبىدە ھەر خىل ۋىتامىنلار بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

«تەبىئەت» نى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، روھنى كۈچلەندۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ھۆل سوغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىش، بەدەن ھارارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش، باھنى قۇۋۋەتلەش.

ئىچى سۈرۈش، مۇپاسىل، لەقۋا، ئۈچەي يىرىڭلىق جاراھىتى، بوۋاسىر، باھ ئاجىزلىق، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئاتنىڭ تۈكى بىلەن گۆشىنى كۆيدۈرۈپ تالقان قىلىپ، ئۇنى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ سىرتتىن سەپسە، تېرىدىكى ھەر خىل داغلارنى يوقىتىدۇ.

2. ئاتنىڭ قېنىنى يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىدۇ ۋە چىرايلىق قىلىدۇ.

3. ئاتنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ تالقان قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۆلتۈرۈلگەن ھاك بىلەن بىرگە سېرىق ماي قوشۇپ مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، كىچىك بالىلارغا ساقال بۇرۇت چىقمايدۇ.

4. ئاتنىڭ كۆيدۈرۈلگەن گۆشىنى گۈڭگۈرت كۈشتىسى بىلەن قوشۇپ خېمىر قىلىپ چاپسا، تەمرەتكىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. كۆيدۈرۈلگەن ئات گۆشىنى مىس كۈشتىسى ۋە ئاقىرقەرھا بىلەن قوشۇپ مەلھەم قىلىپ چاپسا، بوۋاسىر دانچىلىرىنى يوقىتىدۇ.

6. كونا ياكى يېڭى ئىچى سۈرۈشلەرگە ۋە ئۈچەي جاراھەتلىرىگە كۆيدۈرۈلگەن ئات گۆشىنى ئانار ئۇرۇقىنىڭ تالقىنى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

7. ئات گۆشىنىڭ سۈيى (زەردابى) بىلەن باشنى يۇيسا، تاز يارىسىدىكى چاچنىڭ ئاق چىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

ئوبدان پىشۇرۇپ يەپ، ئۈستىدىن ئانار سۈيى ياكى دوغ ئىچىش.

شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدە بېقىلىدۇ ھە ياۋا ھالدىمۇ ياشايدۇ.

مەلھىمى جەرەب.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#