دەريا قىسقۇچپاقىسى

دەريا قىسقۇچپاقىسى

دەريا قىسقۇچپاقىسى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئالاھىدە مەھسۇلاتى. ئۇ ساياھەت ماھىرى بولۇپ، ئادەتتە دەريا، كۆللەردە ياشايدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن دەرھاللا دېڭىز سۈيى بىلەن تاتلىق سۇ چېگرىلانغان دەريا ئاغزىغا بېرىپ تۇخۇم چىقىرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى دەريا قىسقۇچپاقىسى
خەنزۇچە ئىسمى 中华绒螯蟹
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى ئون ئاياغلىقلار تۈركىمى
ئۇرۇقداشلىرى دەريا قىسقۇچپاقىسى ئۇرۇقدېشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى crab
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى يۇمشاق قاسىراقلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى ئوقيا قىسقۇچپاقىسى ئائىلىسى
باشقا نامى 河蟹,螃蟹,毛蟹

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەريا قىسقۇچپاقىسىدەريا قىسقۇچپاقىسى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئالاھىدە مەھسۇلاتى. ئۇ ساياھەت ماھىرى بولۇپ، ئادەتتە دەريا، كۆللەردە ياشايدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىن دەرھاللا دېڭىز سۈيى بىلەن تاتلىق سۇ چېگرىلانغان دەريا ئاغزىغا بېرىپ تۇخۇم چىقىرىدۇ. يۇمران قىسقۇچپاقا مەلۇم دەرىجىدە چوڭايغاندىن كېيىن، توپ-توپ بولۇپ دېڭىزنى بويلاپ دەريا ئېغىزى ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەجدادلىرى ياشىغان دەريا، كۆللەرگە قايتىدۇ. دەريا قىسقۇچپاقىسىنىڭ بۇ خىل قانۇنىيەتلىك تۇرمۇشى ئىلىم-پەندە كۆپىيىپ كۆچۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

دەريا قىسقۇچپاقىسىدەريا قىسقۇچپاقىسىنى سۈنئىي بېقىشتا ئالدى بىلەن «قىسقۇچپاقا بالىلىرى» بولۇشى كېرەك. دەريا قىسقۇچپاقىسى ھەر يىلى دېڭىزغا بېرىپ تۇخۇم چىقىرىدۇ، شۇڭا ئىلگىرى قىسقۇچپاقا بالىلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇل ئارقىلىقلا تۇتۇشقا بولاتتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ بولاتتى. ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى لياۋخې دەرياسى ئېغىزىدىن جەنۇبتىكى جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىغىچە قىسقۇچپاقا بالىلىرى تارقالغان، بىراق، سانى بىرقەدەر كۆپ ھەم مەركەزلىك بولغىنىدىن يالغۇز چاڭجياڭ دەرياسى ئېغىزىلا بار، ھاۋارايى، سۇرايى شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرىشى سەۋەبىدىن قىسقۇچپاقا بالىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىمۇ ئىنتايىن مۇقىم بولمايدۇ. 70-يىللاردىن ئېتىبارەن جېجياڭ ئۆلكىلىك تاتلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنىدىكى ئىلىم-پەن خادىملىرى 10 يىلغا يېقىن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق دەريا قىسقۇچپاقىسى بالىلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ھەر مو كۆلچەكتە 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق قىسقۇچپاقا بالىسى ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىنى يارىتىپ، «تەبىئەتكە تايىنىپ قىسقۇچپاقا يېيىش» تەك پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى. 

قىسقۇچپاقا بېقىش كۆلچىكىنى كەنت ئىچىدىكى، ھويلا-ئارامنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەسلىدە بار بولغان كۆلچەكلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياساشقا بولىدۇ، كۆلچەك ئىچىدە بىرنەچچە «كىچىك ئارال» قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنى تىككەندە قىسقۇچپاقىلار يازدا شۇ يەرگە بېرىپ «سالقىنلايدۇ» . ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆلچەكنىڭ ئەتراپىنى تام سېلىپ توسۇش لازىم. كۆلچەكتە سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرگەندە ئۇ ھەم دەريا قىسقۇچپاقىسىنىڭ ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يەمچۈكى بولىدۇ، ھەم سۇ تېمپېراتۇرىسى، سۇ سۈپىتىنى تەڭشەيدۇ، شۇنداقلا دەريا قىسقۇچپاقىسىنىڭ يوشۇرۇنۇش ئورنى بولالايدۇ. 

دەريا قىسقۇچپاقىسى ئوزۇقلىنىش دائىرىسى كەڭ بولغان سۇ جانلىقى، بىراق ئادەتتە كىچىك بېلىق، كىچىك راك، سەدەپ قۇلۇلىسى، بۇرمىسىمان قۇلۇلە، چوشقا، قوينىڭ ئىچكى ئەزالىرى ھەمدە چىقىرىندىلىرى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يەمچۈكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. دەريا قىسقۇچپاقىسى قاسىراق تاشلايدىغان چاغدا ھەرىكىتى كۆپ بولىدۇ، خام ھاكنى مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتمە تەييارلاپ كۆلچەككە قۇيۇش ئارقىلىق كۆلچەك سۈيىنى سۈزۈلدۈرۈشكە ھەم قىسقۇچپاقا قاسىرىقى ئۈچۈن كالتسىي كۆپەيتىپ بېرىشكە بولىدۇ. كۈز پەسلىدە كۆلچەك تازىلىنىپ، قىسقۇچپاقا تۇتۇلىدۇ، ئادەتتە ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 100 −150 گرامغا يېتىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#