روبېرت دوۋنېي

روبېرت دوۋنېي

كىچىك روبېرت دوۋنېي 1965-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا نيۇيورك شىتاتى نيۇيورك شەھىرى دە تۇغۇلغان. ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كىچىك روبېرت دوۋنېي
باشقا نامى Robert Downey Jr.
يۇرتى نيۇيورك
يۇلتۇز تۈركۈمى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى O
خەنزۇچە ئاتىلىشى 小罗伯特·唐尼
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1965-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 174cm
كەسپى ئارتىس، فىلىم ئىشلىگۈچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىچىك روبېرت دوۋنېي 1965-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا نيۇيورك شىتاتى نيۇيورك شەھىرى دە تۇغۇلغان. ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى. دادىسى رېژىسسور، ئانىسى ئاكتىيور. شۇ سەۋەبلىك كىچىكىدىن باشلاپلا فىلىمدە رول ئېلىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن. بەش ياش ۋاقتىدا «كۈچۈك» ناملىق قىسقا فىلىمدە رول ئالغان. كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ تىياتىر ئۆمىكىگە كىرگەن ۋە «شەنبىلىك كېچىلىك» قاتارلىقلار پىروگراممىلارغا قاتناشقان.

روبېرت داۋنىكىچىك روبېرت دوۋنېي 22 ياش ۋاقتىدا، يەنى 1987-يىلى تۇنجى فىلىمى «مۇھەببەتنىڭ تەمى (泡妞专家)» گە قاتناشقان (بۇ فىلىم تەيۋەن ۋە شىياڭگاڭدا ئىشلەنگەن). شۇ يىلى «نۆلدىن تۆۋەن قىزغىنلىق» فىلىمىگىمۇ قاتناشقان.

1992-يىلى روبېرتداۋنى «چاپلىن (Chaplin)» فىلىمىدە چاپلىننىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ ئەنگلىيە كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتى ۋە ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن.

1997-يىلى، ئۇ زەھەر چەككەنلىك سەۋەبتىن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە كىرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇلغان. بۇ جەرياندا كۆپ قېتىم تۈرمىگە كىرگەن، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە زەھەر چەككەن، يەنە كىرگەن. مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە ئۇدا داۋام قىلىپ كەلگەن.

2000-يىلى، «ئەلاينىڭ دۇنياسى (Ally McBeal)» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان.

2001-يىلى، شۇ فىلىمدىكى ياراتقان ئوبرازى سەۋەبلىك 58-نۆۋەتلىك ئامېرىكا كىنو-تېلېۋىزىيە ئالتۇن شار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى، روبېرت زەھەرنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتكەن ۋە «خەيرلىككەچ، ئامەت تىلەيمەن (Good Night, And Good Luck)»، «مۇھەببەت سوقۇلۇشى (Kiss Kiss, Bang Bang)»، «ئالتىنچى مەيدان (Game6)» قاتارلىق فىلىملەرگە قاتناشقان.

2007-يىلى، «زودىئاك (Zodiac)» فىلىمىگە قاتناشقان.

2008-يىلى، مارۋېلنىڭ كومىك كىتابىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فىلىم «تۆمۈر پالۋان (Iron Man)» فىلىمىدە تۆمۈر پالۋان تونى سىتاكنىڭ رولىنى ئوينىغان. شۇندىن كېيىنمۇ روبېرت ئىزچىل «تۆمۈر پالۋان» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنىڭ 2-بۆلۈمى ۋە 3-بۆلۈملىرىدە بۇ رولغا قاتناشقان. 

2008-يىلى، «ئىسسىق بەلباغ چاقمىقى (Tropic Thunder)» ناملىق فىلىمگە قاتناشقان.

2009-يىلى، «رازۋېدچىك ھولمىس (Sherlock Holmes)» فىلىمىدە شېرلوك ھولمىسنىڭ رولىغا چىققان ۋە 67-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتى ناخشا-مۇزىكا كومېدىيە تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى، «مۇددەت (Due Date)» فىلىمىگە قاتناشقان.

2012-يىلى، «قىساسكار ئىتتىپاقى (The Avengers)» قا قاتناشقان. بۇ فىلىم شۇ يىلى 1 مىليارد 520 مىليون ئامېرىكا دوللىرى لىق بېلەت كىرىمى بىلەن بېلەت كىرىمى چىمپېيونى بولغان.

2013-يىلى، 39-نۆۋەتلىك ئاممىنىڭ ئەڭ ئالقىشقا نائىل بولغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يەنە «تۆمۈر پالۋان» فىلىمىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىگە قاتناشقان.

2014-يىلى، «سوتچى» فىلىمىگە قاتناشقان

2015-يىلى، «قىساسكارلار ئىتتىپاقى» نىڭ 2-بۆلۈمىگە قاتناشقان.

2016-يىلى، «ئامېرىكا كاپىتانى» فىلىمىنىڭ 3-بۆلۈمىدە يەنىلا تونى سىتاكنىڭ رولىنى ئوينىغان.

2017-يىلى، ئۇ قاتناشقان يەنە بىر فىلىم «ئۆمۈچۈك پالۋان» ۋە 2018-يىلى قويۇلىدىغان «قىساسكارلارئىتتىپاقى» فىلىمىنىڭ 3-بۆلۈمى قاتارلىق فىلىملىرى يەنە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتى

2009-يىلى 81-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1993-يىلى 65-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ئوبراز مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ۋېنىتسىيە كىنو بايرىمى

1993-يىلى 50-نۆۋەتلىك ۋالپى لوڭقىسى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئەمى مۇكاپاتى

2001-يىلى 53-نۆۋەتلىك كومېدىيە تۈرىدىكى كۆپ قىسىملىق تىياتىر ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئالتۇن شار مۇكاپاتى

2010-يىلى 67-نۆۋەتلىكىدە مۇزىكىلىق كومېدىيە تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى 66-نۆۋەتلىكىدە ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رول، ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2001-يىلى 58-نۆۋەتلىكىدە ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى گۈزەل تالانتلىقلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى 54-نۆۋەتلىكىدە ئەڭ ياخشى توپ ئويۇنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1993-يىلى 50-نۆۋەتلىكىدە ۋەقەلىك تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئەنگلىيە كىنو ۋە تېلېۋىزىيە سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇكاپاتى

2009-يىلى 62-نۆۋەتلىكىدە ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1993-يىلى 46-نۆۋەتلىكىدە ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ساينىت دېنستا كىنو فېستىۋالى

2009-يىلى 22-نۆۋەتلىكىدە باھالاش ئۆمىكى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

MTV كىنو مۇكاپاتى

2015-يىلى 24-نۆۋەتلىك دەۋر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 22-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 22-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى قەھرىمان رول (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 22-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئېكران ھەمراھى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 20-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ھەرىكەت چولپىنى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 19-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى 18-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس تۆمۈر (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ساتۇرىن مۇكاپاتى

2014-يىلى 40-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2011-يىلى 37-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 36-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2009-يىلى 35-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2006-يىلى 32-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش پېرسوناژ (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى 20-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۆسمۈرلەر تاللاش مۇسابىقىسى

2013-يىلى 15-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىم ئەر ئارتىسى (نامزات) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى 15-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلىك فىلىم ئەر ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 14-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىم ئەر ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 14-نۆۋەتلىك ھەرىكەتلىك فىلىم ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى 14-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئەر چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىنو ئۇسسۇل ئويناپ ئويۇن قويۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىم ئەر ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىنو ئېلىشىش كۆرۈنۈشلىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى 12-نۆۋەتلىك ئەڭ ياخشى ھەرىكەت تەۋەككۈلچىلىكى ئەر كىنو ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008-يىلى 10-نۆۋەتلىك  ئەڭ ياخشى ھەرىكەت تەۋەككۈلچىلىكى ئەر كىنو ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#