- نوقۇت ()
- نوقۇت (خام دورا)
نوقۇت
نوقۇت ھەر خىل ئۆپكە كېسەللىكلىرى ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، بەدەن ئاجىزلاش ، جىنىسىي تەلىپى تۆۋەنلەش ، قەنت سىيىش كېسىلى ۋە باشقا ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدىغان بولۇپ ، تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نوقۇتشىنجاڭ نوقۇتى 2500 يىل تارىخقا ئىگە بولۇپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇب شىمال ھەممە يېرىدە نوقۇت تېرىلىدۇ . شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى قۇرغاق ، يامغۇر ئاز ، كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن ، تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ ، ئۆزگىچە ھاۋا كېلىماتى نوقۇتنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ياخشى شارائىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . نوقۇتنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي يېمەكلىك -دۇرا ئۇزۇقلىقى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ .
نوقۇتنوقۇت شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى مىللىي تىبابىتىدە 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئىبىن سىنا (دوختۇرلۇق ئىلمى) ، (دورىلار خەزىنىسى) ، (دورا ژۇرنىلى) ، (ئۇيغۇر دوختۇرلىرى داۋاملىق ئىشلىتىدىغان دورا ماتىرىيالى) ، (دورا ئۆسۈملۈكلەر تولۇقلىمىسى) قاتارلىقلاردا خاتىرىلىنىشىچە ، نوقۇت ھەر خىل ئۆپكە كېسەللىكلىرى ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ، بەدەن ئاجىزلاش ، جىنىسىي تەلىپى تۆۋەنلەش ، قەنت سىيىش كېسىلى ۋە باشقا ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدىغان بولۇپ ، تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، نوقۇت يەنە ئىشتىھا ئاچىدىغان يېشىل يېمەكلىك بولۇپ ، ئاشلىق ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ ، يېيىش ئۇسۇلى ھەر خىل ، يەنە يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندا ماي ماددىسى كۆپلەپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولۇپ ، (ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدىكى بىر تال گۈل) دەپ تەرىپلەنمەكتە .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.