ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان

كىشىلەر ئۆز ئېغىرلىقى 150 كىلوگرامدىن ئاشمايدىغان ئايروپىلانلارنى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان دەپ ئاتىشىدۇ.مۇنداق ئايروپىلان دەسلەپ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا پلانېرغا پەقەت يەڭگىل ماتورلا ئورنىتىلغانىدى، كېيىنچە قۇۋۋىتى چوڭراق مەخسۇس ماتورغا تەرەققىي قىلدى. 


ئۇيغۇرچە نامى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان
خەنزۇچە نامى 超轻型飞机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلانكىشىلەر ئۆز ئېغىرلىقى 150 كىلوگرامدىن ئاشمايدىغان ئايروپىلانلارنى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان دەپ ئاتىشىدۇ.

مۇنداق ئايروپىلان دەسلەپ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا پلانېرغا پەقەت يەڭگىل ماتورلا ئورنىتىلغانىدى، كېيىنچە قۇۋۋىتى چوڭراق مەخسۇس ماتورغا تەرەققىي قىلدى. 

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان گەۋدىسى ئوچۇق قۇرۇلما شەكلىدە ياكى توغرىلانما سۈگەن شەكلىدە بولىدۇ، قۇرۇلمىسىنىڭ ماتېرىيالىغا ئادەتتە ئاليۇمىن قېتىشما تۇرۇبا، قانىتىغا كۆپىنچە نىلون رەخت ئىشلىتىلىدۇ. ماي كلاپان قۇرۇلمىسى ۋە رول تۇتقۇچى، پولات ئارقانلار ئارقىلىق ماتور ۋە رولنى ئوڭايلا باشقۇرۇپ، ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇپ قوندۇرغىلى بولىدۇ. 

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان ماتورىنىڭ پىرقىرىغۇچنى ئايلاندۇرۇشى ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ: بىر خىلىدا ماتور ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئالدىغا، يەنە بىر خىلىدا كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئىككىلىسىنىڭ رولى ئوخشاش. بۇ خىل ئايروپىلان1 ~2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تۆۋەن پەۋقۇلئاددە بوشلۇقتا ئۇچالايدۇ. ئۇنىڭ شۇڭغۇش مۇقىملىقى ياخشى بولغانلىقتىن، ناھايىتى ئاستا ئۇچالايدۇ، ئادەتتە سائىتىگە50 كىلومېتىر ئۇچىدۇ. ئۇنىڭ يەنە پلانېر ئالاھىدىلىكىمۇ بولغانلىقتىن، ھاۋادا ماتوردىن كاشىلا كۆرۈلسە، ئايروپىلان يەرگە بىخەتەر شۇڭغۇپ كېلىپ قونالايدۇ. بۇ ئايروپىلان ئادەتتىكى يەرلەردىمۇ ئۇچۇپ قونىۋېرىدۇ. كەڭلىكى 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىرچە تۈز يەر ياكى ئوتلاق بولسىلا بولىدۇ. 

ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك ئايروپىلان تىك ئۇچاردىن ئاددىي ۋە پۈتۈش تەننەرخى تۆۋەن، لېكىن، ئىشلىتىلىشى كەڭ. ئاۋىئاتسىيە تەنتەربىيىسى ۋە ساياھەتتىن باشقا، يەنە ھاۋادىن سۈرەتكە ئېلىش، ھاۋادىن قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئايروپوچتا، ھاۋادىن چارلاش، دېڭىز ياقىلىرىنى چارلاش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىپ ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئېتىز مەشغۇلاتى قاتارلىق ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#