كۈسەن دەرياسى
كۈسەن دەرياسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇز تاغ ۋە 7719 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قوڭۇر چوققىسىدىن باشلىنىپ، قاراقاش دەرياسى ۋە چىمگەن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۈسەن دەرياسىكۈسەن دەرياسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ ئوتتۇرا قىسمغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇز تاغ ۋە 7719 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قوڭۇر چوققىسىدىن باشلىنىپ، قاراقاش دەرياسى ۋە چىمگەن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 224 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 400 مېتىر بولۇپ، دەريا سۈيى غەربتىن شەرققە قاراپ ئېقىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ يېڭىسار، يېڭىشەھەر ناھىيەلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيەسىنىڭ شەرق شامىلى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تەخمىنەن 550 مىڭ 400 مو يەرنى سۇغىرىپ، ئاخىرىدا بۇغرا-قۇم چۆلىدە يوقىلىپ كېتىدۇ.
كۈسەن دەرياسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى دەريا قىرغىقى ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، قورام تاش، ئۇيۇلتاشلاردىن تەركىب تاپقان. تاغلىق رايونلارنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى دەريا ئېقىنى قۇم-شېغىل ۋە ئۇششاق تاشلاردىن تەركىب تاپقان. سۇ مەنبەسى تاغدىكى مۇزلۇقلار، قار سۇلىرى ۋە ئاز مىقداردىكى بۇلاق سۇلىرى، يامغۇر سۇلىرىدىن ئبارەت. سۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىشىگە ۋە ئېتىزلارنى سۇغىرىشقا باب كېلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ئومۇمىي سۇ مىقدارى 636 مىليون كۇب مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 20.2 كۇب مېتىر، 1975-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ ئېقىن مىقدارى ھەر سېكۇنتتا 2.23 كۇب مېتىر، ھەريىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت كەلكۈن مەزگىلى، 1-ئايدىن كېلەر يىلى 2-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سۇ ئاز مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
كۈسەن دەرياسىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە سۇ ئامبىرىدىن 15 ى، سۇ ئۆلچەش پونكىتىدىن ئىككىسى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.