سومالى يېرىم ئارىلى
قىزىل دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن سوزۇلۇپ چىققان بىر پارچە قۇرۇقلۇق بار، ئۇ − سومالى يېرىم ئارىلىدۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىزىل دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن سوزۇلۇپ چىققان بىر پارچە قۇرۇقلۇق بار، ئۇ − سومالى يېرىم ئارىلىدۇر. ئۇنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 750 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ خۇددى كەركىدان مۈڭگۈزىدەك شەرقىي شىمالغا قاراپ ئۇزىراپ چىقىپ قىزىل دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدىكى سۇ يولىنى تارايتىپ قويغان.
سومالى يېرىم ئارىلىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى بار، شىمالغا قاراپ ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ياۋروپا قىتئەسى بار. ئۇ ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ قاتناش تۈگۈنى، شۇنداقلا قىزىل دېڭىزدىن ھىندى ئوكيانغا بارىدىغان مۇھىم يول ئېغىزى. پارس قولتۇقىدىن چىققان ماي پاراخوتلىرى ھەمدە مالاككا بوغۇزى ئارقىلىق كەلگەن پاراخوتلار بۇ جايدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىزغا بارالمايدۇ، شۇڭا بۇ يەر «قىزىل دېڭىزنىڭ تاقىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.
سومالى يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان دۆلەت − سومالى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ «ئافرىقىنىڭ مۈڭگۈزى» دېگەن نامى بار. بۇنىڭدىن 500 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې غايەت زور كېمە ئەترىتىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلگەن.
تەخمىنەن %75 ئاھالە چارۋىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى بېقىلىدىغان تۆگە سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. يەنى سومالىدا بېقىلىۋاتقان تۆگىنىڭ سانى دۇنيادىكى ئومۇمىي تۆگە سانىنىڭ 3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. تۆگە شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى، شۇنداقلا گۆش، سۈت ۋە ماينىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. سومالىلىقلار بايلىقىنىڭ كۆپ-ئازلىقىنى تۆگىسىنىڭ سانى ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ.
سومالىنىڭ يەنە «خۇش پۇراق ماتېرىياللار پادىشاھلىقى» دېگەن نامىمۇ بار. ئۇ ئىشلەپچىقارغان مەستتىكى رۇمى، مۇرمەككە قاتارلىق ئەتىۋارلىق خۇش پۇراق ماتېرىياللارنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ جەھەتتە ئۇ ئەزەلدىنلا دۇنياغا داڭلىق.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.