غاپەس

غاپەس بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ،سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، چاچ چىقىرىش، قان توختىتىش رولىغا ئىگە،

ئۇيغۇرچە نامى غاپەس
ئەرەبچە نامى ھەشەكول غافەس
ئىنگلىزچە Herb of Gairyvein Agrimoniae
شەكلى گۈلى ئۇزۇن، تار، ئىنچىكە،
خەنزۇچە ئاتىلىشى 龙芽草
پارسچە نامى خەلو
ئوردۇچە نامى غافەس
تەمى ئاچچىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غاپەسغاپەس بولسا ئازغان ئائىلىسىدىـكـى ئىگـىـزلىـكـى50 ~ 120ســانـتـىـمـېـتـىـر ئەتراپىدا ئۆسـىـدىـغـان كـۆپ يىـلـلـىـق سامـان غولـلۇق ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپى.غول تۈۋى سىلىق، تۈكى يوق، غول يوپۇرماقلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۈستى شالاڭ، ئاستى قويۇق، بەزىلىرى ھەمرا يوپۇرمىقى قالغان، يۇقىرى تەرىپىدىكى غول يېشىلغا مايىل قوڭۇررەڭ ياكى سۇس سارغۇچ بېغىررەڭ بولۇپ، ئاق رەڭلىك يۇمشاق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان، يوپۇرمىقى كۈل رەڭگە مايىل يېشىل رەڭلىك پۈرۈلگەن، گۈلى ئۇزۇن، تار، ئىنچىكە، رەڭگى نىل رەڭلىك بولىدۇ،  پۈتۈن چۆپىنىڭ ئازراق پۇرىقى بار، رەڭگى نىل كۆك ئاچچىق ئۇرۇق بىلەن كۆپىيىدۇ، مۆتىدىل كىلىماتتا ئۆسۈشكە ماسلاشقان، غۇلجا قاتارلىق ئورۇنلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ،

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم، سەۋدا خىلىتىنى تازىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەرلىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان تازىلاش، تېرىگە جۇلا بېرىش، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، چاچ چىقىرىش، قان توختىتىش.

خاس تەسىرى

 غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

تال ۋە ئۇرۇقدانغا زىيانلىق،

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

غاپەس1. غاپەس ئۇسارىسى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2. بۇنىڭ ئىسپىرتلىق چىلانمىسى ھايۋاناتلارنىڭ قان بېسىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ھەم يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ، سۇغا چىلاپ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان ماددىسى قان بېسىمىنى چۈشىرىدۇ.

3. ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

4. باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش، پارازىت قۇرۇتىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە.

5. ئاگرىمونىن قاندىكى قەنتنى ئازايتىدۇ

پۈتۈن چۆپىدە ئاگرىمونىن (Agrimonine)، ئاگرىمونولىد (Agrimonolide)،تانىن، ئورگانىك كىسلاتا،فىنوللۇق تەركىبلەر، گلۇكوزىد قاتارلىقلار بار.

غاپەس1. ئەرقى كاسنە، ئەرقى شوخلا، غاپەسنى بىرلىكتە ئىستېمال قىلسا، جىگەر توسۇلۇش، جىگەر ئىششىقى، جىگەر ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.

2. بىخ بەدىيان ، غاپەس، تەرخەمەك ئۇرۇقى، شوخلا، كاسىنەئۇرقى قاتارلىقلارنى 10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق سۈيىنى تارقىتىدۇ.

3. غاپەس، ئەنجىباھار 10 گرامدىن، ئەگرىسۇناي 15 گرام ئىلىپ قاينىتىپ ئىچسە ھەر خىل ئەزادىن كەلگەن قاننى توختىتىدۇ

ئىشلىتىلىشى

ئوسارىسى قەدىمكى نۇسخىلاردا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇسارىسىنى تەييارلاش ناھايىتى قىيىن بولغاچقا يېقىندىن بېرى گۈلى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپى

مىقدارى

6-7 گرام

تۈزەتكۈچىسى

رۇم بەدىيان

ئورۇنباسارى

 ئاسارون، يېرىم مىقداردا ئەمەن

مەجۇنى دەبىدۇلۋەرد. ھەبىبە غاپەس. شەربىتى دىنار

ھەر خىل كونا ۋە مۇرەككەپ قىزىتما ، ئپمۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، قىگەر ۋە ئاشقازان ياللۇغى ، قىچىشقا، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، تەمرەتكە، سۈيدۈك، ھەيز راۋان بولماسلىق ، قان تۈكۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=56

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#