ئوتلاق ئوت مۇداپىئە نىزامى

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە نىزامى

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە نىزامى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى» بېكىتكەن، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىش، پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش، ئوتلاقنى قوغداش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن نىزام. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەن نىڭ 36– قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان، 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. جەمئىي ئالتە باب، 49 ماددا. 

ئۇيغۇرچە نامى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە نىزامى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 542-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 草原防火条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 542-نومۇرلۇق پەرمانى

«ئوتلاق ئوت مۇداپىئە نىزامى» 2008-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 36-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «ئوتلاق ئوت مۇداپىئە نىزامى» ئېلان قىلىندى، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2008-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن پائال قۇتقۇزۇش، ئوتلاقنى مۇھاپىزەت قىلىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزام جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن ئورمانچىلىق رايونى ۋە شەھەر ئىچى رايونى بۇنىڭ سىرتىدا.

3-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

4-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە بولغان تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەمۇرىي باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ.

6-ماددا ئوتلاقنى باشقۇرۇپ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئوتلاق ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىقىنى ئوتلاقنى باشقۇرۇپ ئىشلىتىش دائىرىسىدە ئۈستىگە ئالىدۇ.

7-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئىككىدىن ئارتۇق مەمۇرىي رايونغا ياكى ئورمان ئوت مۇداپىئەسى، شەھەر ئوت مۇداپىئەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىرلەشمە مۇداپىئە تۈزۈمى ئورنىتىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە رايونىنى بېكىتىپ، بىرلەشمە مۇداپىئە تەدبىرى چىقىرىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

8-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئوتلاق ئوت مۇداپىئە تەشۋىق-تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

9-ماددا دۆلەت ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئىلغار تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ.

10-ماددا ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ياكى كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2-باب ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقتا يۈز بېرىدىغان ئوت ئاپىتىنىڭ خەۋپ دەرىجىسى ۋە تەسىر دائىرىسى قاتارلىقلارغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتلاقلارنى ئالاھىدە يۇقىرى، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوت خەۋپى رايونىغا ئايرىيدۇ.

12-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاق ئوت خەۋپى رايونى ۋە ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن تارماققا تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

13-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئاساسى؛

(2) ئوتلاق ئوت مۇداپىئەسىنىڭ تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشى؛

(3) ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئۇل ئەسلىھەسى ۋە جابدۇق قۇرۇلۇشى؛

(4) ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئەشيا زاپىسى؛

(5) كاپالەت تەدبىرى.

14-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يىرىك پىلانى بويىچە، ئوتلاق ئوت ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئەسلىھەسى، ئوت مۇداپىئە پاسىلى، ئوت مۇداپىئە يولى، ئوت مۇداپىئە ئەشيا زاپىسى ئامبىرى (پونكىتى) قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە قاتناش قورالى، ئوت ئۆچۈرۈش سايمىنى، كۆزىتىش ۋە ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق جابدۇقلارنى ھازىرلىشى، زۆرۈر ئوت مۇداپىئە ئەشيالىرىنى غەملىشى، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

16-ماددا ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرىدىغان تەشكىلىي ئاپپارات ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى؛

(2) ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مىخانىزمى؛

(3) ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى مەلۇم قىلىش تەرتىپى؛

(4) ھەر خىل دەرىجىدىكى ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى؛

(5) ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك ئەشيا، مەبلەغ ۋە قوشۇن جىددىي كاپالىتى؛

(6) ئادەم ۋە مال-مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىش، داۋالاش، قۇتقۇزۇش، كېسەلنى كونترول قىلىش لايىھىسى قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى.

ئوتلاق ئوت ئاپىتى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى، يارىلانغان، ئۆلگەن ئادەم سانى، ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋا –مال سانى ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى ئاھالە ئولتۇراق نۇقتىسى، مۇھىم ئەسلىھەلەر، داڭلىق ئاسار ئەتىقىلەر، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش دەرىجىسى قاتارلىقلارغا قاراپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئېغىر، ئېغىرراق، ئادەتتىكىدەك دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. كونكرېت ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ.

17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىنى بېكىتىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

18-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى بىلەن ئوتلاقتىكى دالىدا ئوت يېقىشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ئوت ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ياكى شەخسلەر ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، ئوت كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن ئوتلاقتا ئوت يېقىشقا توغرا كەلسە، بىخەتەر جاينى تاللاپ، ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، ئوتنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1–، 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئوتلاقتىكى دالىدا ئوت يېقىش مەنئى قىلىنىدۇ.

19-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپئە مەزگىلىدە، ئوتلاقتا قورال-ياراق ئىشلىتىپ ئوۋ ئوۋلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئوتلاقتا پارتلىتىش، چارلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش ئىشلىرىنى قىلغۇچىلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى ھەمدە ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

 ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، قىسىملار ئوتلاقتا رەسمىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە باشقا ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا توغرا كەلسە، زۆرۈر ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

20-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئوتلاقتا مەشغۇلات قىلىدىغان ياكى يۈرىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئوت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىش، ئوت چىقىپ كېتىش، ئوت چاچراش ۋە تورمۇز كولودكىسى چۈشۈپ قېلىش سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئوتلاقتا كېتىۋاتقان ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدىكى شوپۇر ۋە خىزمەتچىلەر يولۇچىلارغا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە تەشۋىقاتى قىلىشى كېرەك. شوپۇرلار، خىزمەتچىلەر ۋە يولۇچىلار ئوت تاشلىماسلىقى كېرەك.

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئوتلاقتا ماشىنا-ئۈسكۈنە بىلەن دالا مەشغۇلاتى قىلىغۇچىلار ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى؛ مەشغۇلات قىلغۇچىلار ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

21-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، ئوتلاققا كىرىدىغان، يوشورۇن ئوت ئاپىتى خەۋپى بار قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ئوتلاقتا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بار دالا مەشغۇلاتى قىلغۇچىلارنى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك. ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىسا، ئالاقىدار جاۋابكارلارغا تەدبىر قوللىنىپ ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى؛ ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش تەدبىرى قوللانمىغانلارنىڭ ئوتلاققا كىرىشىنى ياكى ئوتلاقتا دالا مەشغۇلاتى قىلىشىنى چەكلىشى كېرەك.

22-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، يۇقىرى تېمپىراتۇرا، قۇرغاقچىلىق، بورانغا ئوخشاش ئوت ئاپىتى خەۋپى زور ھاۋارايى كۆرۈلگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوت ئاپىتى خەۋپى ئىنتايىن زور ئوتلاق رايونى، ئوت ئاپىتى خەۋپى زور ئوتلاق رايونى ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلۈش ياكى مال-مۈلۈك ئېغىر زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بار رايونلارنى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە كونترول رايونى قىلىپ ئايرىپ، كونترول مۆھلىتىنى بەلگىلەپ، جەمئىيەتكە دەرھال ئېلان قىلىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە كونترول رايونىدا ھەر قانداق سەۋەب بىلەن، دالىدا ئوت يېقىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان دالىدىن باشقا جايدا ئوت يېقىشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى كونترول تەلىپى بويىچە قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە كونترول رايونىغا كىرىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىدىن ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يول خېتى ئېلىش ھەمدە ئوت مۇداپىئە كونترول تەلىپىگە بويسۇنۇش كېرەك.

23-ماددا ئوتلاقتىكى دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) مەيدانلىرى، زاۋۇت، كان كارخانىلار ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى شۇنداقلا ھەربىي ئورۇنلار، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

تۆمۈريول، تاشيول، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تېلېگراف لىنىيىسى ۋە نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قاتارلىقلارنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئۆزىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق رايونىدا ئوت مۇداپىئە تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى شەخسلەر ھۆددە ئالغان ئوتلاقتا ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

 24-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، نۇقتىلىق ئوتلاق ئوت مۇداپىئە رايونىنى ئايرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

نۇقتىلىق ئوتلاق ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشى؛ مۇناسىۋەتلىك يېزا (بازار)، كەنتلەر ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇشىكېرەك. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى كەسپىي تەربىيە ئېلىشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا، يۆتكىشىگە بويسۇنۇشى كېرەك.

25-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ۋە مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئوتلاق ئوت خەۋپىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى بىرلىكتە ئورنىتىشى، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، ئوتلاق ئوت خەۋپى كېلىمات دەرىجىسى ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئۇنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئوتلاق ئوت خەۋپى كىلىمات دەرىجىسى ھەققىدە ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى كېرەك.

3-باب ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش

26-ماددا ئوتلاق ئوت ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان ۋە ئوتلاقتا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەردىن ئوتلاقتا ئوت ئەھۋالىنى بايقىغانلىرى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئوتلاقتا ئوت ئەھۋالىنى بايقىغان باشقا ئورۇنلار ۋە شەخسلەرمۇ شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئادەم تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ، ئوت ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، كونترول قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

27-ماددا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىت، جاي، مۆلچەرلەنگەن ئوت كېتىش كۆلىمى، ئوتنىڭ ئۇلغىيىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى؛ چېگرا سىرتىدىكى ئوتلاق ئوت ئاپىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتلاق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالسا، چېگرا سىرتىدىكى ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاي بىلەن دۆلىتىمىز چېگرىسىنىڭ ئارىلىقى، چېگرا ياقىسىنى بويلاپ ئۇلغىيىش ئۇزۇنلۇقى شۇنىڭدەك دۆلىتىمىز ئوتلاقلىرىغا بولغان تەھدىت دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى يوشۇرۇش، يالغان مەلۇم قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ يوشۇرۇشى، يالغان مەلۇم قىلىشىغا يول كۆرسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

28-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئوت ئاپىتى دەرىجىسىنى بېكىتىشى ھەمدە ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشى كېرەك، ئوتلاقتا پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئېغىر ئوت ئاپىتى ۋە چېگرا سىرتىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئوتلاق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشى كېرەك.

 29-ماددا ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىدىكى تەلەپ بويىچە، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە دەرھال تەشكىللىشى، قوماندانلىق قىلىشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا، ئاۋۋال خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاھالىنى ۋە باشقا كىشىلەرنى ۋاقتىدا سەپەرۋەر قىلىپ، بىخەتەر جايغا يۆتكىشى ھەمدە ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئەھۋال جىددىي بولسا، ئاپەتتىن قۇتۇلۇش يۈزىسىدىن مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇرۇشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.

30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىدىكى ئىش تەقسىماتى بويىچە، ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقامۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى مېتېئورولوگىيىنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا بېرىشى ھەمدە ھاۋارايى شارائىتىغا قاراپ، مۇۋاپىق پەيتتە يامغۇر ياغدۇرۇشى كېرەك.

خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى پاناھگاھ ۋە قۇتقۇزۇش ئەشياسىنى تارقىتىش نۇقتىلىرىنى ۋاقتىدا قۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

سەھىيە مەسئۇل تارمىقى داۋالاش-قۇتقۇزۇش، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

تۆمۈريول، قاتناش، ئاۋىئاتسىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك ئەشيا، ئۈسكۈنە، دورا، يېمەكلىكلەرنى ئاۋۋال توشۇشى كېرەك.

خەۋەرلىشىش مەسئۇل تارمىقى جىددىي ئالاقىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئوتلاق ئوت ئاپىتى دېلوسىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

31-ماددا ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا، كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنى ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەنگەن ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك؛ قۇتقۇزۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بېكىتىلگەن ئورۇنغا دەرھال بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتا، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ياشانغانلارنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشقا بولمايدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا قاتناشتۇرۇش «ئارمىيىنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

32-ماددا ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەشيا، قاتناش قوراللىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى جىددىي ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، توسالغۇ تازىلاش، ئايرىش بەلبېغى ياساش، جىددىي سۇ چىقىرىش، تاقابىل تۇرۇش بويىچە قاتناشنى قىسمەن تىزگىنلەش قاتارلىق جىددىي باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئېھتىياجى بىلەن، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئەشيا، قاتناش قورالى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسىنى جىددىي ئېلىپ ئىشلەتكەنلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئۆيى، يېرىنى ئىگىلىگەنلەر ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

33-ماددا ئوتلاقتا پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەندە، گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ئۆتىدىغان ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئەشيالىرىنى يۆتكەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئورمانچىلىق رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ئوتلاق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئوتلاق ئوت مۇداپىئە تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

چېگرا سىرتىدىكى ئوتلاق ئوت ئاپىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتلاقبىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەشكىللىشى،ماسلاشتۇرۇشى، ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

34-ماددا دۆلەت ئوتلاق ئوت ئاپىتى ئۇچۇرلىرىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. پەۋقۇلئاددە ئېغىر، ئېغىر ئوتلاق ئوت ئاپىتى ئۇچۇرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئوتلاق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان چېگرا سىرتىدىكى ئوتلاق ئوت ئاپىتى ئۇچۇرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلىدۇ؛ ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە دائىر باشقا ئۇچۇرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلىدۇ.

35-ماددا نۇقتىلىق ئوتلاق ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

4-باب ئاپەتتىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش

36-ماددا ئوتلاقتىكى ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوتمۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ بېكىتكەن ئورۇنلار ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداننى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئوت قالدۇقىنى تۈگىتىشى ھەمدە ئوت كەتكەن جايغا قاراشقاكۆپرەك ئادەم قويۇشى كېرەك. ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قارىغۇچىلار كەتسە بولىدۇ.

37-ماددا ئوتلاقتىكى ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شارائىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

38-ماددا ئوتلاقتىكى ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ چىقىشى، ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى تولۇقلاپ چېچىش ۋە ئوت-چۆپ تېرىش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئوتلاقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە چارۋا-قۇش كارانتىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

 39-ماددا ئوتلاقتىكى ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋاقىت، جاي، سەۋەب ۋە ۋەقە تۇغدۇرغۇچى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئوتلاق كۆلىمى، ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋا-قۇش تۈرى ۋە سانى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانات، ياۋا ئۆسۈملۈك تۈرى ۋە سانى، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى شۇنىڭدەك خورىغان ئەشيا ۋە باشقا ئىقتىسادىي زىياننى ستاتىستىكا قىلىشى، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىغا، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆرسەتكەن تەسىرىنى باھالىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

40-ماددا مۇناسىۋەتلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ئوتلاق ئوت ئاپىتى ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىدىكى تەلەپ بويىچە، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى ستاتىستىكا قىلىپ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ۋە ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا قوشۇمچە ئەۋەتىشى كېرەك. ئوتلاق ئوت ئاپىتى ستاتىستىكا مەلۇمات جەدۋىلىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، دۆلەت ستاتىستىكا تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

41-ماددا ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىپ يارىلانغان، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلگەنلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە داۋالىتىلىدۇ، نەپىقە ئالىدۇ.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

42-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) ئوتلاق ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈزمىگەنلەر؛

(2) ئوتلاق ئوت مۇداپىئە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان دالىدا ئوت يېقىش ياكى پارتىلىتىش، چارلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەستىقلىغانلار؛

(3) شەرتكە توشمايدىغان قاتناش ۋاسىتىسىگە ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يول خېتى بەرگەنلەر؛

(4) ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى باشقىلارنىڭ يوشۇرۇشى، يالغان مەلۇم قىلىشىغا يول كۆرسەتكەنلەر؛

(5) ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانمىغانلار؛

(6) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىشلار.

43-ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەبلىغىنى تۇتۇپ قالغان، ئىشلىتىۋالغان ياكى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئەشيالىرىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلار مالىيە جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا جازا بېرىش، چارە كۆرۈشكە ئائىت قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

 44-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىش، ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئالاقىدار جاۋابكار خادىملارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئالاقىدار جاۋابكار ئورۇنغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئوتلاقتىكى دالىدا ئوت يېقىش ياكى پارتىلىتىش، چارلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلغانلار؛

(2) ئوتلاق ئوت مۇداپىئە كونترول رايونىغا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە يول خېتى ئالماي تۇرۇپ كىرگەنلەر.

45-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىش، ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشقا، يوشۇرۇن ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكار خادىملارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئالاقىدار جاۋابكار ئورۇنغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىغان، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتمىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئوت مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىدۇ، كەتكەن خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىدە، تەستىقلىتىپ دالىدا ئوت ياققاندا ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىغانلار؛

(2) ئوتلاقتا مەشغۇلات قىلىدىغان ۋە يۈرىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە ئوت مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ئورناتمىغانلار ياكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بولغانلار؛

(3) ئوتلاقتا يۈرۈۋاتقان ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىنىڭ شوپۇرى، خىزمەتچىلىرى ياكى يولۇچىلاردىن ئوت تاشلىغانلىرى؛

(4) ئوتلاقتىكى دالىدا ماشىنا-ئۈسكۈنە مەشغۇلاتى قىلغۇچىلاردىن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى دالا مەشغۇلاتى قىلىدىغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرگە ئوت مۇداپىئە تەدبىرى قوللانمىغانلىرى؛

(5) ئوتلاق ئوت مۇداپىئە كونترول رايونىدا ئوت يېقىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

46-ماددا ئوتلاقتا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىدىغان ئورۇنلار ۋە باشقا ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى ئورناتمىغان ياكى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئالاقىدار جاۋابكار ئورۇنغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

47-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،ئوتلاق ئوت ئاپىتىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

48-ماددا ئوتلاق ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرىغا بەلگىلىمە بويىچە بەلگە پۈركۈش، سىگنال ئۈسكۈنىسى، بەلگە چىرىغى ئورنىتىش كېرەك.

49-ماددا بۇ نىزام 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545690_9.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/439573.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#