كىۋى قۇشى

كىۋى قۇشى

كىۋى قۇشى بوي تۇرقى كىچىك ھەم توم ۋە قىسقا، ئېغىزى ئۇچلۇق، پۇتى مەزمۇت، پىيى ئىنتايىن ئىنچىكە ھەپ يۇمشاق، قانىتى چېكىنگەن بولغاچقا،ئۇنىڭ ئۇچالىشىدا ئۈمىد يوق. كىۋى قۇشىنىڭ ئۆمرى 30 يىل ئەتراپىدا، يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۆزىگە خاس بولغان تۈرلەرنىڭ، شۇنداقلا يېڭى زېلاندىيەنىڭ دۆلەت قۇشىغا سىمۋول قىلىنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى كىۋى قۇشى
لاتىنچە ئىلمىي نامى Apteryx
دۇنياسى ھايۋاناتلار دۇنياسى
ئائىلىسى قاناتسىز قۇش ئائىلىسى
تارقالغان رايون يېڭى زېلاندىيە جەنۇبىي ئارال ، شىمالىي ئارال ۋە ستوريوم ئالاھىدە ئارىلى
خەنزۇچە نامى 几维鸟
چەتئەلچە نامى كىۋى قۇشى، غەلىتە قۇش، تاق ئوئاي Brown Kiwi
ئۇرۇقدىشى كىۋى قۇشى ئۇرۇقدىشى
تۈرى قوڭۇر كىۋى قۇشى، چوڭ چىپار كىۋى قۇشى، كىچىك چىپار كىۋى قۇشى،

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىۋى قۇشىئېيتىشلارغا قارىغاندا، نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، كىۋى قۇشى ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، رەڭدار پەيلىرى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىكەن. لېكىن، بەختكە قارشى بىر قېتىم ئورمانغا ئوت كېتىپتۇ، كىۋاى قۇشى باشقا قۇشلارنى ئوت دېڭىزىدىن بىخەتەر كەتكۈزۈۋېتىپ، ئۆزى بولسا ئوت دېڭىزىدىن ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىپتۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ چىرايلىق پەيلىرى، قانىتى ۋە قۇيرۇقى ئوتتا كۆيۈپ كېتىپ، ھازىرقىدەك كۆرۈمسىز قۇشقا ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىۋى قۇشى ئاسماندا پەرۋاز قىلىشتىن مەھرۇم قېلىپ، كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدىغان، پەقەت كەچ كىرگەندىلا ئاندىن سىرتلارغا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ. 

كىۋى قۇشىكىۋى قۇشىنىڭ پەيلىرى ئىنچىكە ھەم يۇمشاق، ئۇنىڭ قانىتى بىلەن قۇيرۇقى بولمىغاچقا، قارىماققا بىر كاللەك يۇڭ يىپقىلا ئوخشىشىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ پۇتلىرى قىسقا، توم، كۈچلۈك بولۇپ يۈرگۈرۈشكە ماھىر، سائەتلىك تېزلىكى 16 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاچچىقى كېلىپ قالسا، ئۆزى بىلەن تەڭ قۇشلارنى بىر تېپىپلا 1.5 مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرۇۋېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ بېشى كىچىك، ئەمما تۇمشۇقى ئۇزۇن بولۇپ، خۇددى ئۇزۇن شەمشەرگىلا ئوخشىشىدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ تۇمشۇقى يېمەكلىك يەيدىغان قورالى بۇلۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ ھاسىسىدۇر. ئۇ ھېرىپ قالغان چاغدا ئۇزۇن تۇمشۇقىنى پۇتلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ يەرگە تىرىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇ يەردە ناھايىتى مەزمۇت تۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ناھايىتى راھەتلىنىپ ئۇخلىيالايدۇ. كىۋى قۇشىنىڭ بۇرۇن تۆشۈكى تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا بولۇپ، ئالاھىدە پۇراش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، يەر يۈزىدىن 20 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇرتلارنى تېپىپ يېيەلەيدۇ.

كىۋى قۇشىيېڭى زېلاندىيەكىۋى قۇشى پۈتۈن دۇنيادا ئاران ئۈچ خىل، چوڭ چىپار كىۋى قۇشى يېڭى زېلاندىيە جەنۇبىي ئارالنىڭ غەربى قىسمىدا، كىچىك چىپار كىۋى قۇشى شىمالىي ئارال ۋە جەنۇبىي ئارال ھەر قايسى رايۇنلىرىغا تارقالغان. قوڭۇر كىۋى قۇشىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، 

جەنۇبىي ئارال، شىمالىي ئارال سىرت، يەنە ستوريوم ئالاھىدە ئارىلىدىمۇ ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ. 

كىۋى قۇشىقۇش تىلغا ئېلىنىسا، كىشىلەر قۇشلارنىڭ قاناتلىرىنى كېرىپ كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن، قانىتى يوق قۇشنى ئىسىمى-جىسمىغا لايىق قۇش دېگىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. بەزى قۇشلار ئاسماندا پەرۋاز قىلىشقا ئىنتىلمەي، پەقەت يەردىلا ھەرىكەت قىلىۋەرگەچكە، تەدرىجىي ھالدا قاناتلىرى ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئاخىر قانىتى يوق، ئۇچالمايدىغان قۇشقا ئايلىنىپ قالغان. يېڭى زېلاندىيىدە ياشايدىغان كىۋى قۇشى دەل شۇنداق.[0]





ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#