تاۋۇز ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ، قاپاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك تاۋۇزنىڭ پىشقان ئۇرۇقىدۇر. شەكلى ئېللىپىسسىمان بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى تاۋۇز سورتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. ھەر بىر تاۋۇزدا تەخمىنەن 100 ~ 300 دانىغىچە ئۇرۇق چىقىدۇ. ئۇرۇقى قارا پوررەك ياكى ئاقۇچ رەڭدە، تەمى سەل تاتلىق ھەم مەززىلىك، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ.
تەركىبىدە ياغ، ئاقسىل، ۋىتامىن B2، كراخمال، يىرىك تالا، ئۇرېئازا، گىلاكتوزا، شېكەر، قاتارلىقلار بار.
ھۆل سوغۇق.
قان ۋە سەپرانىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ياللۇغ ۋە قىزىتما قايتۇرىدۇ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىپ، تاش پارچىلايدۇ. سۇلۇق ئىششىق، يۇقىرى قان بېسىم، يەلتاشما، ھەر خىل سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر، يۆتەل، قان تۈكۈرۈش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
1. تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزىنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ياكى مەخسۇس شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن كېسەللىكلەر ۋە ئالامەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. تاۋۇز ئۇرۇقى شاكىلىدىن 50 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، كۈندە ئىككى ۋاق ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈش ۋە تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ھەر كۈنى ناشتىدا 15 گرامدىن تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
4. تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى ۋە يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سوقۇپ تالقانلاپ ئىچىپ بەرسە، قان ۋە سەپرادىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
6. تاۋۇز ئۇرۇقى، يەرلىك شوخلا، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، كاكىنەچ، ھەمىشىباھار ئۇرۇقى، پىرسىياۋشان، بابۇنە گۈلى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن10 گىرامدىن ئېلىپ، قاينىتىلما تەييارلاپ، كۈندە ئىككى ۋاق 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، بۆرەك دوساق ۋە سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
1. تۇزلۇق تاۋۇز ئۇرۇقىنى بەك كۆپ چاققاندا بۆرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
2. تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ شاكىلى بىرقەدەر قاتتىق بولۇپ، كۆپ چاققاندا خىلىتلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئېغىز قۇرۇش، زەخىملىنىش ۋە چىيقان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چىش، ئاشقازانغا نىسبەتەنمۇ پايدىسىز. خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمكان بار كىچىك بالىلارنىڭ تاۋۇز ئۇرۇقى چېقىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.
3. تاۋۇز ئۇرۇقى كۆپ ئىستېمال قىلىنسا تالغا زىيانلىق، ھەسەل، ناۋات قوشۇپ ئىستېمال قىلىنسا، زىيانلىق تەسىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.