ئارغامچا
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارغامچا — ئىنچىكىرەك ۋە قىسقىراق ھالەتتە ئېشىپ تەييارلىنىدۇ. ئارغامچىنىڭ يۇڭ ئارغامچا، پاختا ئارغامچا، تاسما ئارغامچا ۋە كەندىر ئارغامچا قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئارغامچا ئاساسەن چۇلۋۇر، گالباغ، بۇجا، يەلكىباغ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە كەندىر سويپىقى، ياۋا كەندىر سويپىقى، قىل، قىلچىق، موي، ئۆچكە چۇپۇرى، ئاتنىڭ يال قۇيرۇقى، قوتازنىڭ يال قۇيرۇقى، تۆگە يۇڭى، قوي يۇڭى، چىغ، شال، زىغىر پاخاللىرىدا تۈرلۈك ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، تانا، كۇلا، شوينا يىپلارنى ئېشىپ ئىشلىتىپ كەلگەن.
ھازىرلاردا ئارغامچىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، شەكلىمۇ ھەرخىل، ئىشلىتىش ئورنىمۇ نۇرغۇن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.