نىمكەش ئاپتوموبىللار ئوبورتىنى باشقۇرۇش چارىسى

نىمكەش ئاپتوموبىللار ئوبورتىنى باشقۇرۇش چارىسى

نىمكەش ئاپتوموبىللار ئوبورتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى سودا مىنىستىرلىقى، ج خ مېنىستىرلىكى، دۆلەتلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى 2005-يىلى 2-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلغان،2005-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى نىمكەش ئاپتوموبىللار ئوبورتىنى باشقۇرۇش چارىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2005-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 二手车辆流通管理办法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باپ ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللار ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، نىمكەش ئاپتوموبىللار تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىدىكى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبوروتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىغا بىنائەن بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى. 

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگىرىسى ئىچىدىكى نىمكەش ئاپتوموبىللار تىجارىتى پائالىيىتى ياكى نىمكەش ئاپتوموبىللارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە مۇشۇ چارە تەدبىقلىنىدۇ. 

بۇ چارىدە ئېيتىلغان نىمكەش ئاپتوموبىل رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاش رەسمىيىتى ئاياغلىشىپ دۆلەتنىڭ مەجبۇرى بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يىتىشتىن بۇرۇنقى ئىلىپ بىرىلغان سودا ھەمدە ئىگىدارلىق ھوقۇقى يۆتكىلىدىغان ماشىنا (ئۈچ چاقلىق ماشىنا، ئاستا سۈرئەتلىك يۈك توشۇش ماشىنىسى يەنى يېزائىگىلىكتە قوللىنىدىغان يۈك توشۇش ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پرىتسېپ ۋە موتسىكلىتنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا : نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى دېگەن قانۇن بويىچە قۇرۇلۇپ، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى تەرەپلەر ئۈچۈن نىمكەش ئاپتوموبىللارنى توپلاشتۇرۇپ سودا قىلىش ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ.  

4-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەت سوبىكتى دېگەن سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە تىزىملىشى ئارقىلىق، نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋاستىچىلىك، باھالاش بىلەن شۇغۇللىندىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

5-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللار تىجارەت ھەركىتى دېگەن نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋاستىچىلىك، باھالاش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

(1) نىمكەش ئاپتوموبىللارنى سېتىش دېگەن نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرىنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللارنى سېتىۋىلىش، سېتىش تىجارەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

(2) نىمكەش ئاپتوموبىللارنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش دېگەن نىمكەش ئاپتوموبىل كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كارخانىلىرىنىڭ ئاشكارە رىقابەت باھا شەكلىدە نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ئەڭ يۇقىرى باھا قويغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بىرىدىغان تىجارەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ؛

(3) نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچىلىكى دېگەن نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ۋاستىچىلىك ھەققىگە ئېرىشىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئارىغا چۈشكەن، ۋاستىچلىك قىلغان ياكى ۋەكالەتچىلىك قىلغان تىجارەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

(4) نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باھالاش دېگەن نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باھالاش ئاپپاراتىنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللارنىڭ تېخنىكىلىق ئەھۋالى ۋە قىممىتىگە قارىتا باھالاش ئىلىپ بارغان تىجارەت پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. 

6-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى بىۋاستە سودىسى دېگەن نىمكەش ئاپتوموبىل ئىگىدارىنىڭ سېتىش كارخانىسى، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كارخانىسى ۋە ۋاستىچى ئاپپارات ئارقىلىق قىلماي، ماشىنىسىنى بىۋاستە سېتىۋالغۇچىغا ساتقان سودا ھەركىتىنى كۆرسىتىدۇ. نىمكەش ئاپتوموبىللار سودىسى چوقۇم نىمكەش ئاپتوموبىللار سودىسى بازىرىدا ئىلىپ بىرىلىشى كېرەك. 

7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سودا باشقۇرۇش تارمىقى، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى، باج مەمۇرى تارمىقى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبورتىغا ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلاندىكى يەككە تۈرگە كىرگۈزۈلگەن شەھەرلىك سودا باشقۇرۇش تارماقلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرۇش تارماقلىرى ) سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى، باج ئىشلىرى تارماقلىرى ئۆز مەسئۇليىتى دائىرىسىدە تەۋەلىكىدىكى نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبۇرتىغا ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

2-باپ تەسىس قىلىش شەرتى ۋە تەرتىپى

8-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى تىجارەتچىلىرى، نىمكەش ئاپتوموبىللارنى سېتىش كارخانىلىرى ۋە ۋاستچى ئاپپاراتلار چوقۇم كارخانا قانۇنى ئىگە شەرتىنى ھازىرلىشى، ھەم قانۇن بويىچە سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىدا تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىجىرىشى كېرەك. 

9-ماددا : نىمكەش ئاپتوموبىل باھالاش ئاپپاراتى چوقۇم تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: 

(1) مۇستەقىل ۋاستىچى ئاپپارات بولۇشى؛

(2) مۇقىم بولغان تىجارەت سورىنى ۋە تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇلىنىدىغان زۆرۈر ئەسلىھەلەر بار بولۇشى؛ 

(3) ئۈچ نەپەردىن يۇقىرى نىمكەش ئاپتوموبىل باھالاش كەسپى خادىملىرى بولۇشى (بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى دۆلەتلىك كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن كونا ئاپتوموبىللارنى باھالىغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ 

(4) قىلىپلاشقان قائىدە-تۈزۈملىرى بار بولغان بولۇش.

10-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باھالاش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىشتا، چوقۇم تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بىجىرىلىشى كېرەك : 

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى نىمكەش ئاپتوموبىل باھالاش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە مەزكۇر چارىنىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان ئالاقىدار ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

(2) ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرۇش تارماقلىرى بارلىق ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق قارارىنى چىقىرىشى كېرەك. تەستىقلىغانلىرىغا «نىمكەش ئاپتوموبىل باھالاش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بىرىدۇ؛ تەستىقلىمىغانلىرىغا سەۋەبىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. 

(3) ئىلتىماس قىلغۇچىلار «نىمكەش ئاپتوموبىل باھالاش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش گۇۋاھنامىسى»نى ئىلىپ سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بىرىپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىجىرىدۇ.

11-ماددا چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغى بىلەن نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى، سېتىش كارخانىسى، ۋاستىچى ئاپپاراتى، باھالاش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار، ئايرىم ھالدا 8-،9-ماددىنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان سودا ساھەسىنى باشقۇرۇش چارىسى»، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ئالاقىدار ماتىرىياللارنى ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرۇش تارماقلىرى دەسلەپكى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بارلىق ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ سودا باشقۇرغۇچى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. شىرىكچىلىكىكى جۇڭگو تەرەپ دۆلەت پىلانىدىكى يەككە تۈرگە كىرگۈزۈلگەن كارخانا گورۇھى بولسا، ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى بىۋاستە گوۋۇيۈەننىڭ سودا باشقۇرغۇچى مەمۇرى تارمىقىغا تاپشۇرسا بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ سودا باشقۇرغۇچى مەمۇرى تارمىقى بارلىق ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ئۈچ ئاي ئىچىدە گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىدۇ. تەستىقلىغانلىرىغا «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا تەستىق گۇۋاھنامىسى» تارقىتىپ بىرىدۇ ياكى ئالماشتۇرۇپ بىرىدۇ؛ تەستىقلىمىغانلىرىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك. 

ئىلتىماس قىلغۇچى «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا تەستىق گۇۋاھنامىسى»نى ئىلىپ سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقىغا بىرىپ تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىجىرىدۇ. 

12-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كارخانىلىرى(چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان نىمكەش ئاپتوموبىل كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كارخانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى تەسىس قىلىشتا چوقۇم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قانۇنى» ۋە «كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە « كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى باشقۇرۇش چارىسى» بەلگىلىمىسىنىڭ تەرتىپى بويىچە بىجىرىش كېرەك. 

13-ماددا چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلار نىمكەش ئاپتوموبىللار سودا بازىرى ۋە تىجارەت سوبىكتىنى قوشۇۋالغان شۇنداقلا ئاللىبۇرۇن تەسىس قىلىنىپ بولۇنغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەت دائىرىسىنى كۆپەيتىدىغان بولسا، چوقۇم 11-، 12-ماددىنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى تەرتىپ بويىچە بىجىرىدۇ. 

3-باپ ھەرىكەت مىزانى

14-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكلىرى چوقۇم قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشى ۋە باج تاپشۇرۇشى، سودا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈلگەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

15-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ساتقۇچىلاردا چوقۇم ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەت سوبىكلىرى چوقۇم ساتقۇچىلارنىڭ كىملىك ئىسپاتى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى، «ماتورلۇق قاتناش ۋاستلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»، «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرى يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسى»، ئىناۋەتلىك بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىك تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسى، ئاپتوموبىل سۇغۇرتا تالونى، باج تاپشۇرغانلىق تالونى قاتارلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك. 

دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى كارخانا، كەسپى ئورۇنلار ئاپتوموبىللارنىڭ ساتقاندا، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، چوقۇم شۇ ئورۇننىڭ ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ چىقىرىپ بەرگەن مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش ئىسپاتىنى بىللە ئىلىپ يۈرۈشى كېرەك. 

16-ماددا ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولمىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئاپتوموبىللارنى ساتقان، كىمئارتۇق قىلىپ ساتقانلار مۇناسىپ قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

17-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ساتقۇچىلار سېتىۋالغۇچىلارغا چوقۇم ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلىتىش، رېمونت قىلىش، ھادىسە، تەكشۈرۈش شۇنداقلا رەنىگە تىزىملىتىش رەسمىيىتى بار-يوقلىغى، باج تاپشۇرۇش ھەققى، بىراك مۇددىتى قاتارلىق ھەقىقى ئەھۋال ۋە ئۇچۇرلارنى تەمىنلىشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالغاندا ئەگەر ساتقۇچى ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرۇش ياكى ئالدىشى سەۋەبىدىن يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرەلمىگەندە، ساتقۇچى چوقۇم ئاپتوموبىلنى شەرتسىز قايتۇرۋىلىشى ھەمدە ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ھەقنى قايتۇرۇشى كېرەك.

18-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەت كارخانىلىرى نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ساتقاندا سېتىۋالغۇچىغا چوقۇم سۈپەت كاپالەتنامىسى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋەدىنامىسىنى تەمىنلىشى ھەمدە تىجارەت سورىنىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك.

19-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى قىلغاندا چوقۇم توختام ئىمزالاش كېرەك. توختامنىڭ ئۈلگىسىنى گوۋۇيۈەن سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

20-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل ئىگىدارى باشقىلارغا ئاپتوموبىل سېتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى بىلەن ھاۋالىنامە ئىمزالىشى كېرەك.

21-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچى ئاپپاراتىغا نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىشنى ھاۋالە قىلغاندا، تەرەپلەر تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە ئىلىپ بىرىشى كېرەك : 

(1) ھاۋالە قىلغۇچى نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچى ئاپپاراتىغا قانۇنلۇق كىملىك ئىسپاتى تەمىنلىشى كېرەك؛

(2)نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچى ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاپتوموبىلنى تاللايدۇ ھەمدە ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بازار ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم قىلىدۇ؛

(3)نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچى ئاپپاراتى سېتىۋىلىش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغاندا، تەرەپلەر توختام ئىمزالايدۇ؛ ; 

(4)نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچى ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاپتوموبىللارنى ۋەكالىتەن باھالايدۇ، باھالاش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەقلەرنى ھاۋالە قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

22-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ساتقۇچى چوقۇم سېتىۋالغۇچىغا ۋاقتىدا ماشىنا، نومۇر تاختىسى ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىسپاتى، تالونلىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئاپتوموبىلنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىسپاتى، تالونلىرى ئاساسلىق تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : 

(1) «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» 

(2) «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنىڭ يول يۈرۈش گۇۋاھنامىسى» 

(3) ئىناۋەتلىك بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىك تەكشۈرۈش لاياقەتلىك بەلگىسى 

(4) ئاپتوموبىللارنى ساتقانلىق باج ئىسپاتى 

(5) يول ئاسراش ھەققىنى تاپشۇرغانلىق تالون ئىسپاتى ;

(6) ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىش بىجى تاپشۇرغانلىق تالون ئىسپاتى 

(7) ئاپتوموبىل سۇغۇرتا تالونى 

23-ماددا تۆۋەندىكى ماشىنىلارنى سېتىش، ئىلىپ-سېتىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ۋە ۋاستىچىلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ : 

(1) ئاللىبۇرۇن بىراك قىلىنغان ياكى دۆلەتنىڭ مەجبۇرى بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە توشقان ئاپتوموبىللار؛ 

(2) رەنە مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان ياكى تاموژنىنىڭ سودا تەستىقىدىن ئۆتمىگەن تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئاپتوموبىللار؛ 

(3) خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەمۇرى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار قانۇن بويىچە پىچەتلىگەن، تۇتۇپ قالغان مەزگىلدىكى ئاپتوموبىللار؛ 

(4) ئوغۇرلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنسىز جىنايەت ۋاستىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئاپتوموبىللار؛

(5) ماتور نومۇرى، ئاپتوموبىل پەرقلەندۈرۈش ۋەكالەت نومۇرى ياكى ماشىنا رام نومۇرى بىلەن تىزىملىتىش نومۇرى ماس كەلمەيدىغان ياكى رەسمىيەتلىرىدە ئۆزگەرتىلىش بار بولغان ئاپتوموبىللار؛ 

(6) ئەتكەسچىلىك، قانۇنسىز قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار؛ 

(7) 22-ماددىدا كۆرسىتىلگەن ئىسپات، تالونلار بولمىغان ئاپتوموبىللار؛ 

(8) مەزكۇر مەمۇرى رايون سىرتىدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارماقلىرى رويىخەتكە ئىلىپ تىزىملاتقان ئاپتوموبىللار؛ 

(9) دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرى نىزاملىرىدا تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنغان ئاپتوموبىللار؛ 

نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەت سوبىكتىلىرى ئاپتوموبىللاردا (4)، (5)، (6) تارماقلىرىدىكى ئەھۋاللىرىنى بايقىسا، چوقۇم ۋاقتىدا ج خ ئورگىنى، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتارلىق قانۇن ئىجرا ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

قانۇنسىز ئاپتوموبىل سودىسى قىلغانلىرىغا قارىتا، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەت سوبىكتىلىرى چوقۇم چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە باشقا مۇناسىپ قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

24-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللىرىنى سېتىش كارخانىلىرى كارخانىلارنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ساتقان، كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان ۋاقىتتا، بەلگىلىمە بويىچە سېتىۋالغۇچىغا باج ئورگانلىرى نازارەت قىلىپ باستۇرغان بىر تۇتاش تالونلارنى كىسىپ بىرىشى كېرەك. 

نىمكەش ئاپتوموبىللارنى بىۋاستە سېتىش سودىسى قىلغاندا ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل ۋاستىچى ئاپپاراتلار ئارقىلىق نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى ئىلىپ بارغاندا، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى سېتىۋالغۇچىلارغا باج ئورگانلىرى نازارەت قىلىپ باستۇرغان بىر تۇتاش تالونلارنى كىسىپ بىرىشى كېرەك.

25-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىدارىغا ئايلانغانلار چوقۇم باج ئورگانلىرى نازارەت قىلىپ باستۇرغان بىر تۇتاش تالونلارنى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تىزىملاش رەسمىيىتى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىشى كېرەك. 

26-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى چوقۇم نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارەت سوبىكتىغا مۇقىم ئورۇن ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىشى ھەمدە خېرىدارلارغا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باھالاش، تىزىملاشنى يۆتكەش، سۇغۇرتا، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق رەسمىيەت شارائىتلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.  

27-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باھالاش چوقۇم سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى پىرىنسىپى بويىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ، مەجبۇرىي ئىلىپ بىرىشقا بولمايدۇ؛ دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى مۈلۈك بولغان نىمكەش ئاپتوموبىللار چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باھالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ. 

28-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باھالاش ئاپپاراتى جەزمەن ئوبىكتىپ، ھەقىقى، ئادىل ۋە ئاشكارە پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزاملىرىغا بىنائەن نىمكەش ئاپتوموبىللارنى باھالاش كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنى باھالاش دوكلاتى چىقىرىپ بىرىدۇ؛ ھەمدە باھالاش دوكلاتىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ تېخنىكىلىق ئەھۋالىغا، ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلمۇ-يوق قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باھالاش مەزمۇنىغا قانۇنى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

29-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل باھالاش ئاپپاراتى ۋە خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە بىنائەن دىلوغا چىتىشلىق، ھادىسە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا قارىتا باھالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. 

30-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكىتلىرى جەزمەن مۇكەممەل بولغان نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش، ئىلىپ-سېتىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ۋاستىچىلىك ھەمدە باھالاش ئارخىپىنى قۇرۇپ چىقىش لازىم. 

31-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى قۇرغاندا، نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرى دۇكانلارنى قۇرغاندا، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەھەرلەرنىڭ سودا تەرەققىياتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كىلىشى كېرەك. 

4-باپ نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش

32-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىللارغا قارىتا نازارەت قىلىپ قىلىپ باشقۇرۇش مونۇپۇللۇقنى بۇزۇشقا ئەمەل قىلىپ، رىقابەتنى ئىلھاملاندۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە باراۋەر، ئادىل، ئاشكارە پىرىنسىپنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.  

33-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكىتلىرى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ، تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكىتلىرى چوقۇم تىجارەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ئەنگە ئېلىنىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرغۇچى تارماقلار چوقۇم نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكىتلىرى ئەنگە ئېلىنغان ئەھۋاللارنى قەرەللىك ھالدا گوۋۇيۈەننىڭ سودا باشقۇرغۇچى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

34-ماددا نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبورت ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم قىلىش، ئاشكارىلاش تۈزۈمى قۇرۇپ چىقىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكىتلىرى جەزمەن قەرەللىك ھالدا نىمكەش ئاپتوموبىل سودا مىقدارى، سودا سوممىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى شۇ جايدىكى سودا باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ئارقىلىق ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرغۇچى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك سودا باشقۇرغۇچى تارماقلىرى يۇقارقى ئۇچۇرلارنى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ سودا باشقۇرۇغۈچى تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ سودا باشقۇرۇغۈچى تارماقلىرى جەمئىيەتكە قەرەللىك ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى نىمكەش ئاپتوموبىل ئوبورت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.

35-ماددا سودا باشقۇرغۇچى تارماقلىرى، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى چوقۇم ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكىتلىرىغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە قانۇن-ئىنتىزامغا خېلاپ قىلىمىشلارنى ئىنىقلاش چىقىپ، بازار تەرتىپىنى قوغداپ، ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. 

36-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى سودا باشقۇرغۇچى تارماقلىرى بىلەن بىللە نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى بازىرى تىجارەتچىلىرى ۋە نىمكەش ئاپتوموبىل تىجارىتى سوبىكىتلىرى ئىناۋەتلىك ئارخىپىنى قۇرۇپ چىقىپ، قەرەللىك ھالدا قانۇنغا خېلاپلىق قىلغان كارخانىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. 

5-باپ قوشۇمچە پىرىنسىپ 

37-ماددا بۇ چارە 2005-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئەسلىدىكى «سودا مېنىستىرلىكى ئىشخانىسىنىڭ كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باھالاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئائىت ئۇقتۇرۇشى» (س ق [2004] 70-نومۇرلۇق)، «كونا ماتورلۇق قاتناش بازارلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئائىت ئۇقتۇرۇش» (دۆلەتلىك ئىقتىسادى سودا [2001] 1281-نومۇرلۇق )، «كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتلىرى سودىسى باشقۇرۇش چارىسى» (ئى س م [1998] 33-نومۇرلۇق) ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك ھۆججەتلەر بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#