ۋاڭ جۈنشيا

ۋاڭ جۈنشيا

ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى، «ما ئائىلىسى قوشۇنى» نىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى ۋاڭ جۈنشيا 1994-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتى − ئوۋېنىس مۇكاپاتىنى ئالدى. ئۇ ئوۋېنىس مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان بۇ شەرەپكە ئىگە بولغان تۇنجى ئاسىيالىقتۇر. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ جۈنشيا
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1973-يىلى
بەدەن ئېغىرلىقى 50كىلوگىرام
تەنھەرىكەت تۈرى ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش
خەنزۇچە ئىسمى 王军霞
مىللىتى خەنزۇ
بوي ئېگىزلىكى 1.62 مېتىر
كەسپى تەنھەركەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ جۈنشيانىڭ ئوۋېنىس مۇكاپاتىغا ئىرىشىش رەسىمىئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى، «ما ئائىلىسى قوشۇنى» نىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى ۋاڭ جۈنشيا 1994-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتى − ئوۋېنىس مۇكاپاتىنى ئالدى. ئۇ ئوۋېنىس مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان بۇ شەرەپكە ئىگە بولغان تۇنجى ئاسىيالىقتۇر. 

ئامېرىكىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن داڭلىق يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى جېسسى ئوۋېنىسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئوۋېنىس مۇكاپاتى، ھەر يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن شۇ يىلى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان بىر تەنھەرىكەتچىگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ۋاڭ جۈنشيا 1992-يىلى دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 1000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغان. 1993-يىلى يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار 10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە ۋە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش ئاياللار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئۇ 1993-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 3000 مېتىرغا، 10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش ۋە مارافونچە يۈگۈرۈش تۈرلىرىدە چېمپىيون بولغان ھەمدە 29 مىنۇت 31 سېكۇنت 8.7 دەقىقىلىق ھەيران قالارلىق نەتىجە بىلەن10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى 42 سېكۇنت قىسقارتقان. 3000 مېتىرغا يۈرۈگۈرۈشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى 16 سېكۇنتتىن ئارتۇق (سەككىز مىنۇت 06 سېكۇنت 1.1 دەقىقە) قىسقارتقان، يەنە ئاياللار مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە شۇ يىلدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتقان.

كانادا لىق فىزىئولوگ، بىئومېخانىكا دوكتورى يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا رېكورتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، 1987-يىلى، 2000-يىلىدىكى يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا رېكورتىنى، ئۇنىڭدىكى ئاياللار 3000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە سەككىز مىنۇت 11 سېكۇنت 8.9 دەقىقە، ئاياللار 10000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە 29 مىنۇت 38 سېكۇنت 1.4 دەقىقە دەپ مۆلچەرلىگەن. بۇ ئىككى تۈردىكى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن نەتىجىنى ۋاڭ جۈنشيا يەتتە يىل بالدۇر ئورۇندىغان، يەنى ۋاڭ جۈنشيا ئاللىقاچان كېيىنكى ئەسىرنىڭ رېكورتىنى يارىتىپ بولغان دېگەنلىكتۇر. ئۇ ئوۋېنىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە تامامەن ھەقلىق. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#