مىكرو دولقۇنلۇق قوراللار
مىكرو دولقۇنلۇق قورال دېگىنىمىز، كۈچلۈك مىكرو دولقۇن ھاسىل قىلغۇچ ۋە يۇقىرى ئېشىشلىق يۆنىلىشلىك ئانتېننا ئارقىلىق توپلاشتۇرۇلغان كۈچلۈك مىكرو دولقۇن دەستىسىنى ئېتىپ چىقىرىپ، نىشانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر خىل ياراغنى كۆرسىتىدۇ، بەزىلەر ئۇنى «رادىئو چاستوتىلىق ياراغ» دەپ ئاتايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ خىل قورالنىڭ ئادەمنى زەخىملەندۈرۈش پرىنسىپىدىن «ئىسسسىقلىق ئېففېكتى» ۋە «غەيرىي ئىسسىقلىق ئېففېكتى» دىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
ئىسسسىقلىق ئېففېكتى
مىكرو دولقۇنلۇق قورال ئىسسسىقلىق ئېففېكتى تېرىنىڭ كۆيۈشى، ئىچكى توقۇلمىلارنىڭ كۆيۈشى، ھەتتا ئۆلۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىكرو دولقۇن ئېنېرگىيىسى يوچۇق، ئەينەك ياكى تالالاردىن ئۆتۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ، شۇڭا، برونېلەنگەن قوراللارنىڭ ئىچىدىكى خادىملارمۇ زەخىملىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ.
مىكرو دولقۇنلۇق قورال ئارقىلىق ھازىرقى زامان قورال سىستېمىسىدىكى بىرقەدەر ئاجىز ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە ۋە زاپچاسلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى كاردىن چىقارغىلى ياكى بۇزغىلى بولىدۇ. كۈچلۈك مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيىسى دەقىقە ئىچىدە ئۆزگىرىدىغان ئېلېكتروماگنىت مەيدانى بولۇپ، نىشاننى توسۇپ تۇرغان مېتالنىڭ يۈزىدە ئىندۇكتىۋ زەرەت ۋە ئېلېكتر ئېقىمىنى پەيدا قىلىپ، ھەر خىل يوچۇقلار ئارقىلىق تۈرلۈك قوراللارنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ توك يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
مىكرو دولقۇنلۇق قوراللار ئارقىلىق، ئايروپىلان، قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، سۈنئىي ھەمراھ، رادار، قوراللارنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە باشقا فوتو ئېلېكترىك ئۈسكۈنىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ نىشاننىڭ ئۆزىگە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى جەڭگىۋارلىقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.