شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى يىل بويى ئاپئاق دۇنيادا ياشايدۇ. سوغۇق تۇرمۇش مۇھىتى ئۇنىڭدا سوغۇققا بەرداشلىق بېرىدىغان ناھايىتى كۈچلۈك ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تۈكلىرى ئاق، قېلىن بولۇپ، مىكروسكوپتا قارىسا ئىنچىكە نەيچىلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئاق تۈكلەرنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماي، بەلكى قۇياش نۇرىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر ئىككى قات بولۇپ، سىرتىدىكى مايلىق بىر قەۋىتى قار-شىۋىرغاننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا سۇ ئۈزگەن چاغدا دېڭىز سۈيىنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇ سوغۇق جاندىن ئۆتكۈدەك دېڭىز سۈيىدە نەچچە يۈز مىڭ مېتىر ئۈزىسىمۇ بەدىنى ھۆل بولمايدۇ. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دېڭىز يىلپىزى بىلەن دېڭىز پىلىنى يېيىشكە بەك ئامراق. ئۇ ئۇزاق مۇددەت دېڭىز يىلپىزى بىلەن دېڭىز پىلىنى ئوزۇقلۇق قىلغاچقا، بەدىنىگە نۇرغۇن ئىسسىقلىق يىغىلىپ، تېرىسى ئاستىدا ناھايىتى قېلىن بىر قەۋەت ماي شەكىللەنگەن. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئەنە شۇ قېلىن تېرىسىگە ۋە تىمەن بەدىنىگە تاينىپ شىمالىي قۇتۇپتىكى قەھرىتان سوغۇققا گەپ يوق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى گۆشخور ھايۋانلار بىرى، قۇرامىغا يەتكەن شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى تىك تۇرغاندىكى ئېگىزلىكى 2.8 مېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 1.6 مېتىر كېلىدۇ. ئەركەك شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 300 كىلوگىرامدىن 800 كىلوگىرامغىچە كېلىدۇ، چىشى ئېيىقنىڭ 150 كىلوگىرامدىن 300 كىلوگىرامغىچە كېلىدۇ. قىش كېلىشتىن بۇرۇن مايلارنى زور مىقداردا يىغىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى 650 كىلوگىرام ئەتراپىدا بۇلىدۇ، ئېيىق تاپىنىنىڭ چوڭلىقى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېيىقنىڭ تىرنىقى ئون سانتىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ يول يۈرۈش سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىر، يەنە دېڭىز سائەتلىك سۈرئىتى 10 كىلومېتىر، سۇ ئۈزۈشى سۈرئىتى 97 كىلومېتىردىن ئارتۇق.
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ناچار مۇھىتتا ياشاۋاتقان ھايۋانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ئاساسلىقى شىمالىي مۇز ئوكيان ئەتراپى لەيلىمە مۇز بار بولغان دېڭىز تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
پائالىيىتى
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئىنتايىن قالتىس سۇ ئۈزۈش ماھىرى بولغاچقا ، ھەتتا ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن دېڭىز ھايۋانلىرى دەپمۇ ئاتالغان. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمى « تۇرغۇن ھالىتى »دە تۇرىدۇ، مەسىلەن ، ئۇخلاش، يېتىپ ئارام ئېلىش، ياكى ئولجا ساقلاپ تۇرىدۇ، ئېشىپ قالغان % 29.1 نى قۇرۇقلۇق ياكى مۇز قاتلىمى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىيدۇ ياكى سۇ ئۈزىدۇ. 1.2%نى ۋاقىت ھۇجۇم قىلىش ۋە غەنىيمەتكە سەرىپ قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئېشىپ قالغان ۋاقتىنى ئاساسلىق يېيىش ۋە بەھرىمان بولۇشقا سەرىپ قىلىدۇ.
ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئۇ ئېيىق ئائىلىسى ھايۋانات جەمەتىگە تەۋە بولغان گۆشخور ھايۋانلار، %98.5 ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى گۆش. ئۇلار ئاساسلىق تيۇلېن ئوۋلاپ يەيدۇ، بولۇپمۇ ھالقىلىق تيۇلېننى، شۇنىڭدەك پاخماق تيۇلېن، ئېگەر يوللۇق تيۇلېن، تاجلىق تيۇلېن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە دېڭىز پىلى تۇتۇشقا، ئاق كىت، دېڭىز قۇشلىرى، بېلىق، كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ.
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇپ، ئۇلار باھاردا چېتىشىشدۇ، يەنى ھەر يىلى 3-ئايدىن 5-ئاي مەزگىلىدە. كۈيلەش مەزگىلى تەخمىنەن 3 كۈن، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق بولسا شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ يىغىنى ۋاقىتلىق جورى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەت ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ۋارىسلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك بىرلەشتۈرۈش. ھامىلدارلىق دەۋرىلىكى 195كۈندىن 265 كۈن ئەتراپىدا.
كانادا، گرېنلاندىيە ئارىلى، نورۋېگىيە، روسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق رايۇنلارغا تارقالغان.
شىمالىي قۇتۇپ يەر شارى بويىچە جەنۇبىي قۇتۇپتىن قالسىلا ئەڭ سوغۇق جاي بولۇپ، يىل بويى قار-مۇزغا قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيەگرادۇسقا يېتىدۇ. لېكىن ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون دەپ ئاتالغان بۇ شىمالىي قۇتۇپتا ھېچقانداق جانلىق يوقمۇ ئەمەس. شىمالىي قۇتۇپتىكى ھايۋانات پادىشاھى دەپ ئاتالغان شىمالي قۇتۇپ ئېيىقى بۇ يەرنىڭ دائىملىق ئەزاسىدۇر.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.