بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات. ئۇ1945-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا تەسىس قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى
ئوتتۇرغا قويغان دۆلەتلەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگو روسىيە فىدراتسىيەسى
ۋاقتى 1945-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئومۇمىيلىققا ئىگە ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلات. ئۇ1945-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش شتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا تەسىس قىلىنغان.

 1943-يىل10-ئاينىڭ30-كۈنى، ئەينى چاغدىكى2-دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت تۆت دۆلەت موسكۋادا «ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، ئومۇمىيلىققا ئىگە بىر خەلقئارا تەشكىلات قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1944-يىلى8-ئايدىن10-ئايغىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت ۋە جۇڭگو، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇش تەكلىپ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە بېكىتتى. 1945-يىل4-ئاينىڭ25-كۈنى، 50 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى سان-فرانسىسكودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تەشكىلات يىغىنىنى ئاچتى، ۋەكىللەر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» نى ماقۇللىدى. 6-ئاينىڭ26-كۈنى، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى(كېيىن پولشا ئىمزا قويدى) . 10-ئاينىڭ24-كۈنى، جۇڭگو، فرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا كۆپ ساندىكى ئىمزا قويغان دۆلەتلەر تەستىقنامىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نامىنى ئەڭ دەسلەپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى(پىرىزدىنت) روزۋېلت ئوتتۇرىغا قويغان. 1947-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى10-ئاينىڭ24-كۈنىنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنى» قىلىشنى قارار قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلار ئەسلىدە51 دۆلەت ئىدى، 1993-يىلى ئەزا دۆلەت184 كە يەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشتا، چوقۇم ئىلتىماسنامە تاپشۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى قوبۇل قىلىش، خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قوشۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1945-يىلى10 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى سان-فرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دۇڭ بىۋۇمۇ بار ئىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى ئۇزاققىچە تەيۋەن دائىرىلىرى ئىگىلىۋالدى. 1971-يىلى10-ئايدا ئاندىن ئەسلىگە كەلدى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى: «دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش» ، «تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى چەكلەش» ، «خەلقئارا خەلقنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى ئاساس قىلىنغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ، «خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ، «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان بىر مەركەزنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش» تىن ئىبارەت.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غايەت زور تەشكىلىي ئورگان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، كاتىبات باشقارمىسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشى، خەلقئارا سوت ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەخسۇس ئاپپاراتلار، ئالاقە ئاپپاراتلىرى بار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#