شىمالىي ئارال
شىمالىي ئارال بولسا يېڭى زېلاندىيىنىڭ شىمالدىكى چوڭ ئارال.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاھالىسى 2 مىليون 280 مىڭدىن ئوشۇق(1979) بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ئاھالىسىنىڭ % 72نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جاي ماۋرى خەلقلىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان جايى ھېسابلىنىدۇ.
پايتەختى ۋېلىنگتون ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئارالنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى بەك كېسىلگەن بولۇپ، يېرىم ئارال، قولتۇقلار كۆپ. دېڭىز قىرغاقلىرىدا مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەر بار. ئارالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا روئاپېخو، ئىنگمانت، تاراۋېرا قاتارلىق مەشھۇر يانار تاغلار بار. ئارالدىكى ئاتاقلىق تاۋېبۇ كۆلىنىڭ ئەتراپىدا قە ۋەت-قەۋەت ۋولقان لاۋىلىرى شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 400-700 مېتىرغا يېتىدۇ.
بۇ يەردە دۆلەت باغچىلىرى بار، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. شىمالىي ئارال يېڭى زېلاندىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي رايونى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن دۆلەت سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كانچىلىق، مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، نېفىت خىمىيە، ياغاچچىلىق، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان، سۈتلۈك كالا، قوي بېقىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. چەت ئەللەرگە گۆش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، قوي يۇڭى، ياغاچ قاتارلىقلار ئېكسپورت قىلىنىدۇ. شىمالىي ئارالدىكى ئوكلېند يېڭى زېلاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى ھەم مۇھىم پورتى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.