خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى

 1961-يىلى 8-ئايدا مەدەنىي مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا ئىشخانىلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان. 1977-يىلى 4-ئايدا مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1985-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلغان. 1999-يىلى 8-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېىغا ئۆزگەرتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1938-يىلى
خەنزۇچە نامى 和田地区教委
ئادرېسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھەرلىك مەدەنىيەت يولى 97 - نومۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى دەپمۇ ئاتالغان. 1938-يىلى 3-ئايدا خوتە ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارسى قۇرۇلغان. بىر نەپەر ئىدارە باشلىقى. بىر نەپەر مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، بىر نەپەر بۆلۈم باشلىقى، ئىككى نەپەر بۆلۈم ئەزاسى، ئىككى نەپەر كاتىپ، يەنە ئۈچ نەپەر قارا خىزمەتچى ۋە بىر نەپەر ھارۋىكەش قاتارلىقلار بولۇپ، جەمئىي 11 نەپەر ئادەم سەپلەنگەن. 1938-يىلدىن كېيىن خوتەندە ئىككى خىل مەكتەپ تۈزۈمى شەكىللەنگەن ناھىيە قۇرغان مەكتەپلەر مائارىپ ئىدارىسىغا بىۋاستە قاراشلىق بولغان، مەكتەپ مەبلىغىنى دۆلەت مالىيە باشقارمىسى ئۈستىگە ئالغان. 1944-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇرۇنقى مەمۇرىي مەھكىمە بىناسىغا كۈچۈپ كىرىپ، خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ باشقارمىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1950-يىلى 4-ئايدا ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى مەدەنىيەت مائارىپ بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىشچى-خىزمەتچىسى سەككىز نەپەر بولۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1938-يىلى 9-ئايدا يەنە ۋىلايەتلىك مەدەنىي مائارىپ سەھىيە بۆلۈمى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1960-يىلى مەمۇرىي مەھكىمە مائارىپ ئىشخانىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1961-يىلى 8-ئايدا مەدەنىي مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا ئىشخانىلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان. 1977-يىلى 4-ئايدا مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1985-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى قۇرۇلغان. 1999-يىلى 8-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېىغا ئۆزگەرتىلىپ، قارمىقىدا كومىتېت ئىشخانىسى، كادىرلار سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، مۇپەتتىش ئىشخانىسى، مالىيە پىلان بۆلۈمى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى پونكىتى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ پونكىتى قاتارلىق ئىشخانا، بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان. ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى 97 نەپەر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#