جاۋارىش كۈندۈر
جاۋارىش كۈندۈر قىزغۇچ قوڭۇررەڭلىك مەجۇن بولۇپ، تەمى تاتلىق، ئازراق ئاچچىق بۇلۇپ بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، مەنىي تۇتۇش، پەتەق بوشلۇقلىرىنى قورۇش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاۋارىش كۈندۈر قىزغۇچ قوڭۇررەڭلىك مەجۇن بولۇپ، تەمى تاتلىق، ئازراق ئاچچىق بۇلۇپ بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، مەنىي تۇتۇش، پەتەق بوشلۇقلىرىنى قورۇش تەسىرىگە ئىگە. ئاق خۇن كۆپ كېلىش، مەنىي ۋە سۈيدۈك ئىختىيارسىز كېتىشكە، پەتەق كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
دورىدىن 20g ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىد بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، (℃30~60 )نېفىت ئېتىرىدىن 50ml قوشۇپ،15 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ، دورا قالدۇقىغا 2ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلايمىز. كۈندۈر سېلىشتۇرما دورىسىدىن 1g ئېلىپ،يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،سىناق دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl،سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(17∶3)نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز.℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىرىتىمىز. سىناق ئېرىتمىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى، قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.