خەلقئارا سوت مەھكىمىسى

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى خەلقئارادىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دۇنياۋى تەشكىلات بولۇپ، «دۇنيا سوت مەھكىمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى

ئۇيغۇرچە نامى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1946-يىلى
باشقا نامى گائاگا سوت مەھكىمىسى
خەنزۇچە نامى 国际法院
چەتئەلچە نامى International Court of Justice
ئورنى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقئارا سوت مەھكىمىسىخەلقئارا سوت مەھكىمىسى خەلقئارادىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان دۇنياۋى تەشكىلات بولۇپ، «دۇنيا سوت مەھكىمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى. ئۇ «خەلقئارا سوت كېلىشىمى» گە ئاساسەن، 1946-يىلى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھىرىدە قۇرۇلغان بولغاچقا، ئادەتتە «گائاگا سوت مەھكىمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر «خەلقئارا سوت كېلىشىمى» نىڭ قاتناشقۇچىلىرى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسىخەلقئارا سوت مەھكىمىسى 15 نەپەر لاياقەتلىك سودىيىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر يىغىنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزاتلار ئىچىدىن سايلاپ چىقىلىدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توققۇز يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ. 15 نەپەر سودىيە ئىچىدە ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىككىسىنىڭ بىر دۆلەتتىن بولۇشىغا ھەرگىز بولمايدۇ.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسىخەلقئارا سوت مەھكىمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە مەلۇم شەرتكە ئىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى: ئالاقىدار دۆلەتلەر بىردەك قوشۇلۇپ خەلقئارا سوتقا تاپشۇرغان قانۇن ماجىرالىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى ھەمدە ئالاقىدار شەرتنامە ياكى ئەھدىنامىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئاپپاراتلىرى ياكى ھەر خىل مەخسۇس ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن مەسىلىلىرىگە مەسلىھەت بېرىدۇ. سوتتىكى سوراق دائىم ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بارلىق مەسىلىلەر سوتقا قاتناشقان سودىيىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قارار قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#