ئەرەب يىلىمى
ئەرەب يىلىمى ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، نەپەس يوللىرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش.
ئەرەب يىلىمى، ئەرەب يىلىمى كىسلاتاسى (Lrabic acid)، كالىي، ماگنىي، كالتسىي قاتارلىقلار بىلەن بىرىكىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۇدا پارچىلىنىپ، ھەر بىر مولېكۇلا كىسلاتا ئىككى مولېكۇلالىق ئەرەب يىلىمى ئارا بىنوزا (Arabinose)، تۆت مولېكۇلىلىق لاكتوزا (actose) ۋە بىر خىل ئىزوگادىك كىسلاتا قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ سۇدا پارچىلانغاندا كۆك رەڭ ياكى پرامىدونغا ئۇچرىسا، بىنەپشەرەڭ، قىزىلگۈل رەڭ، سېرىق رەڭ ھاسىل قىلىدۇ.
ئەرەب يىلىمى ئاشقازان، ئۈچەي، كانايچە ۋە باشقا ئەزالار شىللىق پەردىلىرىنى ياللۇغلىنىشتىن مېخانىك يوسۇندا مۇھاپىزەت قىلىش تەسىرىگە ئىگە. شۇ ئارقىلىق دورىلارنىڭ غىدىقلىنىشىنى يەڭگىللىتىدۇ، دورىنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى پەسەيتىپ، باشقا تەسىرلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى كۈچەيتىدۇ.
1. سەمغى ئەرەبى 10 گرام ، تاباشىر بەللۇتدىن ئېلىپ سوپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنسا ئىسھالغا مەنپەئەتلىك.
2. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرەب يىلىمىنى قورۇپ، سوقۇپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە، جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
3. ئەرەب يىلىمىدىن 4 گرامنى يۇمشاق سوقۇپ، يېڭى كالا يېغىدىن 3 گرام بىلەن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، 3 ~ 7 كۈنگىچە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، قان تۈكۈرۈشنى توختىتىدۇ.
4. ئەرەب يىلىمى 10 گرام، كەتىرا 8 گرام، تاباشىر 8 گرام، قائدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، سوپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، جاراھەتلەرگە سەپسە، جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
5. ئەرەب يىلىمىنى ئۆچكە سۈتىدە قاينىتىپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن قوشۇپ كۆيۈككە چاپسا، ئاغرىق پەسەيتىدۇ
قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، كۆكرەك ئاغىرقى، يۆتەل، كۆكرەك چىڭقىلىش، سۆڭەك چىرىش، گال قۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.