ئەرەب يىلىمى

 ئەرەب يىلىمى ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.

ئەرەب يىلىمى

ئەرەب يىلىمى

ئەرەب يىلىمى

ئۇيغۇرچە نامى ئەرەب يىلىمى
ئىنگلىزچە Arabic Gum
شەكلى رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك يېرىم سۈزۈك مونەكچە
تەمى تەمى سۇس
ۋاقتى 2- 3 – ئايلار
خەنزۇچە نامى 阿拉伯胶 a la bo jiao
تونۇش ئۆسۈملۈك ئەرەب ئاكاتسىيىسى دەرىخىنىڭ يىلىمى
جىسمى چۈرۈك، بىر ئاز پۇراقلىق، چاپلاشقاق
چىقىش ئورنى ئافرىقا
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆپكە، كاناينى قۇۋۋەتلەش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش، نەپەس يوللىرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش.

ئەرەب يىلىمى، ئەرەب يىلىمى كىسلاتاسى (Lrabic acid)، كالىي، ماگنىي، كالتسىي قاتارلىقلار بىلەن بىرىكىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۇدا پارچىلىنىپ، ھەر بىر مولېكۇلا كىسلاتا ئىككى مولېكۇلالىق ئەرەب يىلىمى ئارا بىنوزا (Arabinose)، تۆت مولېكۇلىلىق لاكتوزا (actose) ۋە بىر خىل ئىزوگادىك كىسلاتا قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ سۇدا پارچىلانغاندا كۆك رەڭ ياكى پرامىدونغا ئۇچرىسا، بىنەپشەرەڭ، قىزىلگۈل رەڭ، سېرىق رەڭ ھاسىل قىلىدۇ.


 ئەرەب يىلىمى ئاشقازان، ئۈچەي، كانايچە ۋە باشقا ئەزالار شىللىق پەردىلىرىنى ياللۇغلىنىشتىن مېخانىك يوسۇندا مۇھاپىزەت قىلىش تەسىرىگە ئىگە. شۇ ئارقىلىق دورىلارنىڭ غىدىقلىنىشىنى يەڭگىللىتىدۇ، دورىنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى پەسەيتىپ، باشقا تەسىرلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى كۈچەيتىدۇ.

1. سەمغى ئەرەبى 10 گرام ، تاباشىر بەللۇتدىن ئېلىپ سوپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنسا ئىسھالغا مەنپەئەتلىك.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرەب يىلىمىنى قورۇپ، سوقۇپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە، جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.

3. ئەرەب يىلىمىدىن 4 گرامنى يۇمشاق سوقۇپ، يېڭى كالا يېغىدىن 3 گرام بىلەن قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، 3 ~ 7 كۈنگىچە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە، قان تۈكۈرۈشنى توختىتىدۇ.

4. ئەرەب يىلىمى 10 گرام، كەتىرا 8 گرام، تاباشىر 8 گرام، قائدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، سوپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ، جاراھەتلەرگە سەپسە، جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.

5. ئەرەب يىلىمىنى ئۆچكە سۈتىدە قاينىتىپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن قوشۇپ كۆيۈككە چاپسا، ئاغرىق پەسەيتىدۇ

يىغىش

 6 – 7 يىل بولغان دەرەخنىڭ پوستىنى پىچاق بىلەن تىلىپ قويسا 2 – 3 ھەپتەدىن كېيىن يىلىم سىرغىپ چىقىدۇ.

قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش، كۆكرەك ئاغىرقى، يۆتەل، كۆكرەك چىڭقىلىش، سۆڭەك چىرىش، گال قۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ۋە ئۈچەي ياللۇغى، تولغاق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=200

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#