لادىي گاگا
لادىي گاگا (ئىنگىلىزچە نامى: Lady Gaga) يەنە بىر نامى Jo Calderone、Mother Monster بۇلۇپ، 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيوركنىڭ مانخاتتان ئارىلىدا تۇغۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لادىي گاگالادىي گاگا (ئىنگىلىزچە نامى: Lady Gaga) يەنە بىر نامى Jo Calderone、Mother Monster بۇلۇپ، 1986-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى نيۇيوركنىڭ مانخاتتان ئارىلىدا تۇغۇلغان، ئاتا-ئانىسى ئىتالىيەلىك. كىچىك ۋاقتىدا theSacredHeart دەپ ئاتىلىدىغان كاتولىك دىنى مەكتىپىدە ئوقۇغان، داڭلىق مودىل قىز پارىس خېلتۇن ۋە كارلون كېندىي ئۇنىڭ مەكتەپدىشى. لادىي گاگا ئىقتىدارلىق مۇزىكا ، تېكىست ئىجادىيەتچىسى، پىئانىنو، ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ ۋە ئىسكىرىپكا ماھىرى. ئۇ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىلا بىرىتتي سىپىرىس (Britney Spears) ۋە فېرگىينىڭ يىڭى پىلاستىنكىسى ئۈچۈن ناخشا يىزىپ بېرىپ بىر مەزگىللىك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لادىي گاگانىڭ نامى تارقىلىشقا باشلىغان.
لادىي گاگا كىچىكىدىن مادوننا ناخشىلىرىنى ۋە مايكول جېكسوننىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپ، 4 يېشىدىن باشلاپ پىئاننىو ۋە ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن، 13 يېشىدا تۇنجى ئاھڭنى ئىجاد قىلغان. ۋە كېيىنكى يىلى مەكتەپ سەھنىسىدە ئورۇنلاپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 17 يېشىدا سىنىپ ئاتلاپ ئىمتىھان بېرىپ نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مۇزىكا ئىنىستوتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە كېچىلىك كۇلۇبلارا ناخشا ئېيتىپ بارا-بارا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. مەكتەپتە ئۇ بىرىتنىي سىپارىس ۋە 2006-يىلى، گاگا نيۇيوركتىكى ئۇنۋېرسىتتىن توختاپ قالغاندىن كىيىن ،Interscope Records پىلاستىنكا شېركىتىنىڭ ئاھاڭ ئىجادىيەتچىسى بولدى. ئۇ ئىلگىرى بىرىتتي، فىرگى، ياۋا مۈشۈك گۇرۇپپىسى، ئاكېن قاتارلىق ناخشىچىلارغا ناخشا ئىجاد قىلىپ بەرگەن. ئاكون گاگانىڭ ئۆزىگە خاس ناخشا ئېيتىش ئەمەلىي كۈچىنى بايقىغاندىن كىيىن،گاگا بىلەن توختام تۈزگەن ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇتۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىنى تەييارلاشقا باشلىغان.
لادىي گاگا2008-يىلى گاگا تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىنى « The Fame» (ئابروي؟) نى ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پىلاستىنكىسىنى «ھەممىلا ئادەمگە قانداق شۆھرەت قازىنىشنى ھېس قىلدۇرۇش» ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان دەپ چۈشەندۈرگەن. پىلاستىنكا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە قاتالىق يەتتە دۆلەتتە پەسىللىك سېتىلىش مىقدارىدا بىرىنچىلىكنى ئىگەللەپ لادى گاگانى بىراقلا دۇنيا چولپانلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئېلىپ چىققان. 2009-يىلى يەنە بىر مەخسۇس پىلاستىنكىسى «The Fame Monster » (ئىبلىسنىڭ ئابرويى؟).
لادىي گاگا گرچە سەنئەت ساھەسىدە كىشىلەرنى ئېغىز ئاچتۇرمىغىدەك نەتىجە قازانغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ جىنسى ئەركىنلىك، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببەتدىشى قاتارلىق ئىدىيەلەرنىڭ قوللىغۇچىسى بولغاچقا كىشىلەر دۇنيا سەنئەت ساھەسىنىڭ غەيرى يۆلىنىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلشماقتا. نۆۋەتتە ئۇ بەيونسى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا مۇزىكا ساھەسىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر سەلبى سەنئەتكار بولۇپ قالغان.[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.