يىلنامە-تەقۋىم

ئۇيغۇرلار

ئەجدادلىرىمىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئاسترونومىيىلىك قارشى ئاساسىدا ئۆز تىرىچىلىكىنى ھاۋارايىدا بولىدىغان ئۆزگىرىشكە ماسلاشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن كۈن، ئاي ۋە بەزى يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ «چىقىش» ، «پېتىش» قاتارلىق ھەرىكىتىنىڭ دەۋر قىلىش ۋاقتى بويىچە يىلنامە تۈزۈپ چىققان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەجدادلىرىمىز  يىلنامە بويىچە ئون بەش كۈن بىر مەزگىل؛ ئىككى مەزگىل ئوتتۇز كۈن؛ ئوتتۇز كۈن بىر ئاي؛ ئۈچ ئاي بىر توقسان(بىر پەسىل) ، تۆت پەسىل ئون ئىككى ئاي؛ ئون ئىككى ئاي بىر يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. يىل-ئايلارغا ئايرىم-ئايرىم ئات قويغان. ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئۆزلىرى كۆزىتىپ كەلگەن كۈن، ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىنىڭ ئون ئىككى يىلدا بىر دەۋر قىلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىپ ئۇنى «مۆچەل» دەپ ئاتىغان ۋە يېزىق يوق شارائىتتا ئەستە تۇتۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ھەر يىلغا بىرخىل ھايۋان نامىدا ئات قويۇپ بەرگەن پەرقلەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ تۇغۇلغان ۋە مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەن يىل-ۋاقتىنى خاتىرلەش، ياش ھېسابلاشتا شۇ مۆچەل يىل نامى ئاساس قىلىنىدىغان بولغان. بۇ يىلنامە بويىچە 3-ئاي يىل بېشى ھېسابلانغان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەجرىبە-سىناقلىرىدا 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلىشىپ، يەرنىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ تەبىئەتتە قايتىدىن ئويغىنىش باشلىنىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ كۈننى يىلنىڭ، ئاينىڭ، كۈننىڭ يېڭلىنىش شاراپىتىدىن يېڭى يىل قىلىپ خاتىرلەپ كەلگەن. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، بۇ مىللىي ئەنئەنىۋى بايرام «نورۇز» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىدىن كەلگەن بۇ تەجرىبىلەر كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ ئەقىدە-ئادەتكە ئايلانغان. ئۇيغۇرلاردىكى مۆچىلىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كېتىشنى تىلەش ۋە مۆچىلى كەلگەن يىلى ئېھتىياتچان، ساخاۋەتكوي بولۇش، بىرەر قېتىم قازان قاينىتىش، مۇمكىنقەدەر قىزغۇچ رەختتە كۆڭلەك ياكى ئىشتاندەك بىر نەرسە كىيىش؛ ئادەم ۋاپات بولۇپ دەپنە قىلىش ئالدىدا مەرھۇمنىڭ يىلىنى سوراش قاتارلىق ئادەتلەر ئاشۇ ئەقىدىدىن كېلىپ چىققان.

ئومۇمەن ئەجدادلىرىمىز بىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى، ئالايلۇق، قانداق ۋاقىتتا قانداق ئوۋغا چىقىش، چارۋا مالنى قانداق ۋاقىتتا كۆككە قويۇش، قانداق ۋاقىتتا كۈزلەككە، قانداق ۋاقىتتا قىشلاققا يۆتكىلىش، قانداق ۋاقىتتا قوشقار، ئايغىر، بۇقىغا قويۇش، قانداق ۋاقىتتا تۆل ئېلىش؛ قانداق ۋاقىتتا قوشقا چىقىپ ئۇرۇق سېلىش، قانداق ۋاقىتتا قانداق پەرۋىش قىلىش، قانداق چاغدا ئۇرۇپ-يىغىش، باغ-ۋاران پەرۋىشىنى قانداق قىلىش، قانداق ۋاقىتتا ئوسا قىلىش. . . قاتارلىق تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى شۇ يىلنامە بويىچە قىلىشقان ۋە بۇ يىلنامىگە چىڭ ئەقىدە قىلىپ ئادەتلەنگەن. ئۇلار ئۆز ئەقىدىلىرىگە خىلاپەن ئىش كۆرگەندە ھەرخىل زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىغان.

دەۋر ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ پاكىتلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەقۋىمچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسترونومىيىلىك قارشىنىڭ ئىلغار ئىلمىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇڭا ئۇ ھېلھەم ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. 

يەتتە يۇلتۇز(پلانېت) ، ئون ئىككى بۇرچ ۋە مۆچەلنىڭ ئاتىلىشى:

پلانېتلار

سەكەنتىر(ساتۇن) .

ئوڭاي(يۇپىتېر) .

كورود(مارس) .

ئارزۇ(مېركۇرىي) .

سوۋېت(چولپان) (ۋېنىرا) .

قۇياش

يالچىق(ئاي)

ئون ئىككى بۇرچ

 قوزا، ئۇي(ئۇد) ، قوشكېزەك، بارس(يولۋاس) ، تىمساھ، بۇغداي بېشى، 

تارازا، چايان، ياچاق،

ئوغلاق، سوغا(كۆنەك) ، بېلىق.

مۆچەل

مۆچەل: سىجقاق يىلى، ئۇي(ئۇد) يىلى، بارىس(يولۋاس) يىلى، تىۋىشقان(توشقان) يىلى، يىلان يىلى، يىند(ئات) يىلى، قوي يىلى،

بىجىق(مايمۇن) يىلى، تاقاغۇ(توخۇ) يىلى، ئىت يىلى، توڭگۇز يىلى


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#