توڭ لىيا

توڭ لىيى (شىبە) 1984-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭ غۇلجا دىكى سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. جۇڭگودىكى تونۇلغان كىنو ئارتىسى.

1984-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
1984-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئۇيغۇرچە ئىسمى توڭ لىيا
باشقا نامى Tong Liya
مىللىتى شىبە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 164.5 سانتىمىتېر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 佟丽娅
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شىنجاڭ، غۇلجا
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەسەد يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 44 كىلوگرام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توڭ لىيا غۇلجىدىكى سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كىچىكدىنلا سەنئەت كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغان. 1996-يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان.

2000-يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل مائارىپى كەسپىگە كىرىپ ئوقۇغان. توڭ لىيانىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىدىكى نەپىسلىكى سەۋەبلىك شىنجاڭ رايونىدىكى كۆپلىگەن مۇسابىقىلەردە نومۇر ئورۇنداپ، ماھارىتىنى كۆرسەتكەن.

2004-يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كېچىلىكىدە توڭ لىيا بىر شىنجاڭ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلى ئورۇندىغان ۋە شۇ يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

2006-يىلى توڭ لىيا ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىكى ۋاقىتتا «چۈشىنىكسىز كۆڭۈل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا تۇنجى رولغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

2008-يىلى «بۈيۈك خانىش(母仪天下)» ۋە «مەن بىر تال گىياھ (我是一棵小草)» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا قاتناشقان.

2009-يىلى «بىر كىشىلىك چىراي (人活一张脸)»، «سارايدىكى دېدەكلەر (大屋下的丫鬟)»، «تۇمانلىق يامغۇردا پېتىۋاتقان كۈن (烟雨斜阳)» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا قاتناشقان.

2010-يىلى «نىقابلىق پالۋانلار (怪侠一枝梅)» فىلىمىگە ۋە «نۇقسانسىز بەرنالار» ۋە «ئىقتىسادچان يولدىشىم (无懈可击之美女如云)» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان.

2011-يىلى «تاڭ ئوردىسىدىكى گۈزەللەر (唐宫美人天下)»، «شاھ قەلبىنى مايىل قىلماق (宫锁心玉)»، «تاڭ دەۋرىگە قايتىش (梦回唐朝)» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە «سۆسۈن رەڭ تۇرالغۇ (紫宅)» ناملىق كىنوغا قاتناشقان.

2012-يىلى ئۇ «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى (北京爱情故事)» ناملىق فىلىمدە ۋە «مۇھەببەت ئىشلىرى (恋爱的那点事儿)»، «مۇھەببەتنى قايتا باشلايلى (爱可以重来)» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان.

2013-يىلى ئۇ تۆتىنچى نۆۋەتلىك «ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېلېۋىزىيە بايرىمى»دا ئوبراز ۋەكىلى بولغان. شۇ يىلى يەنە «قىلىچۋاز جەمەتتىكى ئايال (刀客家族的女人)»، «تاڭشەندىكى يەر تەۋرەش (唐山大地震)»، «چوڭ شەھەردىكى كىچىك مۇھەببەت (大都市小爱情)»، «شاھنىڭ بانۇلىرى (王的女人)» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ۋە «بىز ئۆتكۈزگەن ياشلىق» فىلىمىگە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «سۈكۈتتىكى شاھىت (全民目击)» فىلىمى بىلەن «سۈتتىن ئايرىش (断奶)»، «تۇغۇت دوختۇرى (产科医生)» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىمۇ بار.

2015-يىلى ئۇ «ئۇنتۇلماس سۆيگۈ»، «قالتىس دادام بىلەن چىرايلىق ئاپام (酷爸俏妈)»، «ئاددىي دۇنيا (平凡的世界)» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا قاتناشقان.

2015-يىلى ئۇ قاتناشقان «سىرلىق شەھەر (迷城)» ناملىق فىلىم قويۇلغان. شۇ يىلى يەنە قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق رەسىملەر توپلىمىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمگە قاتناشقان.

2016-يىلى ئۇ قاتناشقان فىلىملەردىن «بىتچىت قىلىش (惊天破)»، «مۇھەببەت ئۈچۈن يۈگۈرۈش (奔爱)» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاكتيورلۇق جەھەتتىلا ئەمەس ئۇسسۇل ئورۇنداش جەھەتتىمۇ كۆپلىگەن مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازانغان كۆپ قىرلىق ئارتىس.

2016-يىلى 10-ئايدا 28-نۆۋەتلىك «جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتى» كۆرۈرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرغان ئايال رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2015-يىلى 5-ئايدا 21-نۆۋەتلىك «شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى ئاق ماگىنولىيە مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 6-نۆۋەتلىك «ئاۋمېن خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالى» دا ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن.

2014-يىلى 11-ئايدا 6-نۆۋەتلىك «جۇڭگو تەپەككۇر خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالى» دا ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#