ئېتنوگرافىيە

ئېتنوگرافىيە Ethnographie

ئېتنوگرافىيە Ethnographie مىللەت مەنىسىدىكى گرېكچە ئېتنوس Etnos سۆزىگە «ئىلىم»، «تەرىپ»، «قىسسە»، قاتارلىق مەنىلەردىكى گرافىيە graphie سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىر ئىلمىي ئاتالغۇ. 

ئاتىلىشى ئېتنوگرافىيە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 风俗志
ئېنگلىزچە ئاتىلىشى Ethnographie
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشى 民族志

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېتنوگرافىيە Ethnographie مىللەت مەنىسىدىكى گرېكچە ئېتنوس Etnos سۆزىگە «ئىلىم»، «تەرىپ»، «قىسسە»، قاتارلىق مەنىلەردىكى گرافىيە graphie سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىر ئىلمىي ئاتالغۇ. بۇ ئاتالغۇ ئەسلى ئاشۇ ئېتنوس سۆزىگە «ئىلىم»، «بىلىم» مەنىسىدىكى لوگىيە logie سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن كەلگەن ئېتنولوگىيە Ethnologie دېگەن سۆزنىڭ ئاساسىدا ياسالغان. ئېتنولوگىيە ھازىر تىلىمىزدا «مىللەتشۇناسلىق» دەپ قوللىنىلماقتا.

ئېتنولوگىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇ 1829-يىلى فرانسۇز ئالىمى ئېدۋارد Edward تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. 1839-يىلى پارىژ مىللەتشۇناسلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن بۇ ئاتالغۇ «ئادەمنى تەتقىق قىلىدىغان پەن» دېگەن ئاتالغۇ سۈپىتىدە دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىندى. ئەمما ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردە  «ئېتنولوگىيە» ئورنىدا باشقا ئاتالغۇمۇ قوللىنىلدى. مەسىلەن، ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئەنگىلىيەلىكلەر ئىنساننى مەدەنىيەت ئاساسىدا تەتقىق قىلىش دېگەن ئۇقۇمغا ئىگە مەدەنىيەت ئانتروپولوگىيە Cultural Anthropology  دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندى، گېرمانىيەلىكلەرمۇ ئۆز ئالدىغا «مىللەت تەبىرى» دېگەندەك ئۇقۇمغا ئىگە ۋۇلكېر كۇندې Volkerknube دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندى. گەرچە ئېتنولوگىيە بىلەن بۇ ئىككى ئاتالغۇ ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالغۇلاردا بىردەك ئىپتىدائىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش نىشان قىلىنغان.

ئېتنولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ تەبىرى توغرىسىدىمۇ بىر مەزگىل ئوخشىمىغان قاراش مەۋجۈت بولۇپ تۇردى، بولۇپمۇ ياۋروپادا «ئېتنولوگىيە» ئېرىق توغرىسىدىكى بىلىم، دەپ ىارىلىپ كەلدى. بۇ توغرىدا فرانسۇز ئالىمى بروكا Broca ئېتنولوگىيە ئېرقنى، ئېتنوگرافىيە مىللەتنى تەتقىق قىلىدۇ، دېگەن تەبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېتنوگرافىيە شۇنىڭدىن باشلاپ مىللەت تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بىر ئاتالغۇ بولۇپ قالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    57.1%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    42.9%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#