تۇرپان ئالا تاۋۇزى

تۇرپان ئالا تاۋۇزى

تۇرپان ئالا تاۋۇزى بۇ خىل تاۋۇز تۇرپان ، پىچان ناھىيلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . ئۆسۈپ يىتىلىشى كۈچلۈك .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرپان ئالا تاۋۇزى بۇ خىل تاۋۇز تۇرپان ، پىچان ناھىيلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . ئۆسۈپ يىتىلىشى كۈچلۈك ، بۇ خىل سورت توشۇشقا چىداملىق .ئۇزۇۋىلىنغاندىن كېيىن ئىككى ئاي ئەتراپىدا ساقلىغىلى بولىدۇ . 

تۈپى 

تۇرپان ئالا تاۋۇزى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 528 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.1 سانتىمېتىر ، بوغۇم ئۇزۇنلۇقى 7.1 سانتىمېتىر ، توپلىنىشى كۈچلۈك ، يۇپۇرماق دىئامېتىرى 2.5 * 4.7 تۈپلىنىشى ئاجىز . پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 100 كۈن ، تاۋۇزنىڭ يەككە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 9.5 كىلوگرام كېلىدۇ . 

چېچىكى

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى 12 - بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . گۈلىنىڭ كۆپ قىسمى تاق جىنىسلىق ، ئاز ساندىكىلىرى قوش جىنىسلىق . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 47 -52 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ.

مېۋىسى 

تاۋۇز شەكلى يۇمىلاق ، دىئامېتىرى 26.4 * 26.7 سانتىمېتىر ، شاپاق ئۇزۇنلۇقى 3.85 سانتىمېتىر ، ئاسان ئاجرىمايدۇ ، شاپاق تەگ سۇس يېشىل ، ئۈستىدە 14 -16 تالغىچە ھەرە چىشسىمان سىزىقچىلىرى بار . شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 1.9 سانتىمېتىر كېلىدۇ ،ئېتى قىزىل ، چۈرۈك، تالاسى ئوتتۇراھال ، شىرنىسى كۆپ ، قەنت مىقدارى % 10 - 6.5 ، تەمى ئوتتۇراھال ياخشى . ئۇرۇقى ئېللىپىسسىمان ، رەڭگى قارا ، ئۇزۇنلۇقى 1.28 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.7 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 127.7 گرام كېلىدۇ .[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#