باغۋەنچىلىك

شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى ئاساسەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مېۋە تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىگە دائىر مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ جايدىن چىقىدىغان يەرلىك مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى يۈز خىلدىن ئاشىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى باغۋەنچىلىك
خەنزۇچە ئىسمى 园艺

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بېغى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن تەمسىل بار. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە كۆكەرتىشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا، بىرەر تۈپ دەرەخ تىكىپ پەرۋىش قىلىش ناھايىتى چوڭ ساۋابلىق ئىش، دەپ قارىلىدۇ. بوستانلىق ئۇيغۇر تەبىئىتىنى خاراكتېرلەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقانداق يېزا-مەھەللىدە بۈك-باراقسانلىق باغ بولىدۇ. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە دېھقانچىلىقتىن قالسىلا باغۋەنچىلىك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم ئىگىلىك شەكلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، شىنجاڭ مېۋە-چېۋىنىڭ ماكانى دەپ قارىلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى ئاساسەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مېۋە تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىگە دائىر مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ جايدىن چىقىدىغان يەرلىك مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقانلىرى ئۆرۈك(سورتلىرى خۇۋەينى ئۆرۈك، ئەنجان ئۆرۈك، مايسەن ئۆرۈك، ياغلىق ئۆرۈك، خەششەك ئۆرۈك، سەمەت ئۆرۈك، كىشمىش ئۆرۈك، كۆك پىشار، گۈل ئۆرۈك قاتارلىقلار) ، شاپتۇل، توغاچ، ئۈزۈم، ئانار، ئەنجۈر، ئالما، ئامۇت، چىلان، جىگدە، ئۈجمە، بېھى، ئەينۇلا، پىستە، بادام، ياڭاق، ئالگىرات، جىنەستە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھەربىر مېۋە تۈرلىرىنىڭ يەنە خىلمۇ خىل سورتلىرى بار. خوتەن شاپتۇلى، قاغىلىق ياڭىقى، پەيزىۋات قوغۇنى، قەشقەر ئانارى، ئاتۇش ئەنجۈرى، كوچا ئۆرۈكى، كورلا ئامۇتى، تۇرپان ئۈزۈمى، قۇمۇل چىلىنى، ئىلى ئالمىسى قاتارلىق داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا مېۋە بازىرىدا ئالاھىدە نام چىقارغان، 6-ئايدا ئۈجمە پىشقان مەزگىلىدىن تارتىپ تاكى 10-ئايغىچە بولغان ئۈچ-تۆت ئاي شىنجاڭدا ھەر خىل مېۋىلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ مەي باغلىغان «ئالتۇن پەسىل» . بۇ ئايلاردا ئۇيغۇرلار ئۆيىگە كىرگەن مېھماننىڭ ئالدىغا ئالدى بىلەن مۇرادىغا يېتىپ پىشقان ھەر خىل مېۋىلەرنى قويىدۇ ياكى بېغىغا باشلاپ ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە باغقا كىرىپ يېگەن مېۋە ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. ئادەتتە شەھەر ئىچىدە باغ بىنا قىلىش شارائىتى بولمىغاچقا، شەھەر ئاھالىلىرى مېۋە-چېۋە راسا مەي باغلىغان مەزگىلنى تاللاپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا چىقىپ «باغ سەيلىسى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇرۇن قەشقەردە كەڭ قانات يايغان «ھەزرەت سەيلىسى» ، «ئاتۇش سەيلىسى» ، «بەشكېرەم سەيلىسى» قاتارلىقلار ماھىيەتتە مېۋە سەيلىسى بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا باغ-ۋارانلار يىراق-يېقىندىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ سەيلىگاھىغا ئايلىنىدۇ 

مۇشۇ خىل مېۋە-چېۋە قاتارىدا يەنە شىنجاڭنىڭ قوغۇن-تاۋۇزىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار قوغۇن تېرىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوغۇننىڭ تۈرى ۋە تەمى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قوغۇننىڭ سورتلىرى ئىچىدە قۇمۇل قوغۇنى، قاراكۆسەي، كۆكچى، بىشەكشىرىن، شېكەر سۈيى، سەۋزىنازۇك، قارىقاش، خامانچى، چىلگە قاتارلىقلار مەشھۇر بولۇپ، يازلىق قوغۇن ۋە قىشلىق قوغۇن دەپ ئايرىلىدۇ. يېزىلاردا ھەربىر ئائىلە دېگۈدەك ئۆزىگە يەتكۈدەك بىرەر ئېتىز قوغۇن-تاۋۇز تېرىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلار قوغۇن-تاۋۇز تېرىشتا ئۇرۇق تاللاشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. قوغۇنچىلار ئۇرۇقىنى شۇ قوغۇننىڭ شاپىقىغا ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ساقلايدۇ. شۇ ئارقىلىق قوغۇنلارنىڭ يەرلىك سورتىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ساقلاپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئادىتىدە ۋايىغا يەتمىگەن(پىشمىغان) قوغۇنلارنى ھەرگىز ئۈزمەيدۇ. 

شىنجاڭدا مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ھەم كۆپ، ھەم تەملىك بولۇشى بۇ رايوننىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ، بولۇپمۇ مېۋە-چېۋە ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقلىم جەھەتتىن قۇرغاق رايون بولۇپ، بۇ جايلارغا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، تۇپرىقى مېۋە-چېۋەئۆستۈرۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. لېكىن ئەڭ مۇھىمى، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈشكە ماھىرلىقى ھەمدە يېشىللىقنى سۆيۈشتەك گۈزەللىك تەبىئىتى ئاساسىي تەرەپ. 

ئۇيغۇرلار ھۆل مېۋىلەردىن قۇرۇق يېمىش ياكى مېۋە قېقى تەييارلاشتىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. شۇڭا ھەرقانداق ئائىلىدە يىلنىڭ ھەممە پەسىللىرىدە دېگۈدەك ھەر خىل قۇرۇق يېمىشلەر بولىدۇ. قۇرۇق يېمىشتىن باشقا، مېۋىلەرنىڭ ھەممە تۈرىدىن دېگۈدەك يەرلىك ئۇسۇلدا مۇراببا تەييارلىنىدۇ. بولۇپمۇ خوتەن خەلقى مۇراببا تەييارلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇنى ھەم ئوزۇقلۇق، ھەم مىللىي دورا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ھەرقانداق ئائىلىدە مېھماننىڭ ئالدىغا قەنت-گېزەك ئورنىدا ئۆزى تەييارلىغان مۇشۇ خىل مۇراببالارنى تىزىدۇ. مېۋىلەردىن ھەر خىل پايدىلىق ئىچىملىكلەرنى تەييارلاشقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى قەدىمكى ئادەتلىرىدىن بىرى. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ» داستانى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مېۋە-چېۋىدىن تەييارلىغان ھەر خىل ئىچىملىكلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ مەلۇماتلاربار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بېغى يوقنىڭ جېنى يوق» دېگەن تەمسىلىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#