ئافرىقا

ئافرىقا

دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قىتئە. يەر مەيدانى 30 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 553 مىليوندىن ئاشىدۇ(1985) ، پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ %10.9 نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئافرىقا قىتئە
چەتئەلچە نامى Africa
مەمۇرىي رايون تۈرى قىتئە
خەنزۇچە نامى 阿非利加洲
باشقا نامى ئافرىقا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قىتئە. يەر مەيدانى 30 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاھالىسى 553 مىليوندىن ئاشىدۇ(1985) ، پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ %10.9 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ ئولتۇراقلىشىشىدىن قارىغاندا پۈتۈن سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ شىمالىدىكى ئافرىقا ئەرەبلەر بىلەن بېربېرلار، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ئاساسەن نېگىرلار، ئۇلاردىن قالسا ئاز ساندا ياۋروپالىقلار ئولتۇراقلاشقان.

ئافرىقا ئافرىقا ئىقتىساد، مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ بىرى، بۇندىن 6 مىڭ يىل ئىلگىرى نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىم رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان مىسىر خەلقلىرى نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىپ تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە دۇنيادا بىرىنچى قېتىم مىلادىدىن بۇرۇنقى 1883-يىلى بىرلىككە كەلگەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتنى قۇرغان. ئۇلار يەنە شەكىللىك ھەرپ ئىجاد قىلغان، ئاستورنومىيە، قانۇنشۇناسلىق، ماتېماتىكا، سۇچىلىق، دوختۇرلۇق، قۇرۇلۇش—بىناكارلىق تېخنىكىسى جەھەتتە شانلىق تۆھىپىلەرنى ياراتقان. نىل دەريا ۋادىسىدىن باشقا ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكى، چادكۆل رايونلىرىدىمۇ قەدىمكى دۆلەتلەر مەيدانغا كەلگەن. 

ئافرىقا

ئافرىقا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان رايونلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، 51-ئەسىردىن باشلاپ تاكى 91-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا قەدەر بولغان 400 يىل ئىچىدە ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەر ئافرىقىنىڭ مول كان بايلىقلىرىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ھالدا قەبىھ قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەرلىك خەلقنى ھايۋان ئورنىدا كۆرۈپ دەھشەتلىك ئاياق ئاستى قىلغان، ئۆلتۈرگەن، باشقا جايلارغا ئاپىرىپ ساتقان. ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇل سودىسى جەريانىدا 100 مىليونغا يېقىن ئافرىقا خەلقى ئۆلتۈرۈلگەن، دېڭىز-ئوكيانلارغا تاشلانغان. ئافرىقا خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان. ئافرىقا قۇرۇقلۇقىى پۈتۈنلەي ياۋرپالىق مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن بكلىۋېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ئافرىقىدىكى لېبرىيە، ئېفىئوپىيە، مىسىردىن باشقا ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئافرىقا خەلقى ئويغاندى، مۇستەقىللىك، ئەركىنلىك ئۈچۈن بولغان كۈرەش دولقۇنى زور دەرىجىدە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھۆكۈمۈرانلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىلدى، نۇرغۇنلىغان دۆتلەر ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشتى. 1945-يىلدىن 1983-يىلغىچە بولغان 38 يىل ئىچىدە ئافرىقىدا 47 دۆلەت مۇستەقىللىككە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئافرىقىدا مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر بۇرۇنقى ئۈچ دۆلەتتىن كۆپىيىپ 50 كە يەتتى، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى ۋە يېرى پۈتۈن ئافرىقا ئاھالىسى بىلەن يېرىنىڭ 91% نى ئىگىلىدى. ھازىر ئافرىقىدا يەنىلا جەنۇبىي ئافرىقا(ئازانىيە) ، نامبىيە، غەربىي سەھراسى، مادېرا، سان ھېلېنا، ئاسونسىئون، رىئونىئون قاتارلىق ئورۇنلار بىر قىسىم ئاق تەنلىك ئىرقچىلار بىلەن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرماقتا.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#