ئامۇت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئامۇت ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پىشقاندا مېۋە شۆپۈكى سېرىق رەڭگە كىرىدۇ. مېۋىسىنىڭ تەمى سەل قىرتاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى (ئامۇت) ۋە چېچىكى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى چېچەكلىگەندە چېچىكىنى، مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، تېرىنى پارقىرىتىش، يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، نەزلىنى يوقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، يۈرەك ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل ئامۇتنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقى، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، ئۆتكۈر ئۇسسۇزلۇق، بەدەن ئورۇقلاپ كېتىش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئامۇت چېچىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، يۈرەك سېلىش، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىش ۋە بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ئامۇتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ، شەربەت تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئامۇت چېچىكىدىن بىر كىلوگرام، شېكەردىن 5.3 كىلوگرام ئېلىپ، ئامۇت چېچىكىنى ھۆل پېتى ھاۋانچىدا سوقۇپ، شېكەرنى ئاز - ئازدىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ گۈلقەنت ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 ~ 9 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان ئازلىق، ئىشتىھاسىزلىق، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، تۇتقاقلىق، سەپرالىق كۆڭۈل ئېلىشىش، ھۆ بولۇش، شەقىقە، پۇت بوغۇملىرى ئاغرىش، ئۇنتۇغاقلىق، جىگەر قېتىش ۋە چىش مىلىكى قاناش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.