سېرىق قارىغاي

دۇنيا بويىچە ھويلا-ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان دەرەخلەرنىڭ بىرى بولغان سېرىق قارىغاي  (يالغان بال قارىغاي) مەملىكىتىمىزنىڭ ئالاھىدە دەرەخ تۈرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىردىنبىر تۈر ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سېرىق قارىغاي
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى قارىغاي ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 黄松
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى قارىغاي ئائىلىسى
تۈرى سېرىق قارىغاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

    سېرىق قارىغاي يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئاساسىي غولى تۈپتۈز، ئېگىزلىكى 40 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى قىسمىنىڭ دىئامېتىرى 5.1 مېتىر كېلىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى قېنىق قوڭۇر، چوڭقۇر يېرىلىپ تەڭگىسىمان پارچىلارغا ئايلانغان. شاخلىرى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ ھەم تەكشى يېيىلىپ تۇرىدۇ، كىچىك شاخلىرى ئۇزۇن شاخ ۋە قىسقا شاخ دەپ ئايرىلىدۇ. يوپۇرمىقى لېنتا شەكىللىك، ياپىلاق ھەم يۇمشاق، ئۇزۇن شېخىدىكىلىرى بۇرمىسىمان تارقاق ئۆسىدۇ، قىسقا شېخىدا15 ~30 تال يوپۇرماق توپلىشىپ ئۆسۈپ، ئەتراپقا شولىسىمان تەكشى يېيىلىدۇ. كۈزدە توق سېرىق(ئالتۇن) رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. شەكلى يۇمىلاق تەڭگە پۇلغا ئوخشىغاچقا خەنزۇلار «جىن چيەن سوڭ» (تىللا يوپۇرماقلىق قارىغاي) دەپ ئاتايدۇ.

سېرىق قارىغاينىڭ ئاتىلىق-ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولۇپ، ئاتىلىق گۈل شارچىلىرىنىڭ نەيچىسى قىسقا شېخىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. ئانىلىق گۈل شارچىلىرى بولسا قىسقا شېخىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، چېچەكلەش مەزگىلى ئاپرېل-ماي ئايلىرى ئارىلىقىدا، شارچە مېۋىسى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ. ئۇرۇق تەڭگىچىسى ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇرۇقلىرىدا قانىتى بولىدۇ، شامال ئارقىلىق تارقىلىدۇ. 

   سېرىق قارىغاي مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ ۋادىسى ئەتراپىدىكى تاغلىق يەرلەرگە تارالغان، كۈنگەي، مۇنبەت، كىسلاتالىق تۇپراقلاردا ياخشى ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ غولى ئېگىز، دەرەخ باراقسىنى زور، دەرەخ تۇرقى سالاپەتلىك، كېلىشكەن بولغاچقا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۆسۈملۈك باغچىلىرى كەڭ تۈردە كىرگۈزۈپ(كەلتۈرۈپ) ئۆستۈرمەكتە. شارقىراتمىلارنىڭ ئېغىزى ئەتراپىغا، كۆللەرنىڭ بويلىرىغا، ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىغا تىكىپ ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق ياكى باشقا دەرەخلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈپ، دەرەخزارلىق قىلسىمۇ ئۆزگىچە زوقلىنارلىق بولىدۇ.

   سېرىق قارىغاينىڭ ئوتقا(ئوت كېتىشكە) قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، يوپۇرماق تاشلاۋاتقان مەزگىلدە ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ قالسا، شاخلىرى كۆيۈپ قۇرۇپ كەتكەن، ئاساسىي غولى زەخىملەنگەن تەقدىردىمۇ كېيىنكى يىلى باھاردا ئاساسىي غولى يەنىلا بىخلىنىپ يېڭى نوتىلارنى چىقىرىپ ھاياتلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ 

   

   سېرىق قارىغاينىڭ ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىشقا بولىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، تۈزۈلۈشى قوپالراق، لېكىن ئۆرۈش سىزىقلىرى تۈپتۈز ھەم نەملىككە چىداملىق بولغاچقا قۇرۇلۇش، كۆۋرۈك، كېمە-قولۋاق، ئۆي-جاھازلىرى قاتارلىقلارغا ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ؛ يىلتىز پوستى دورا قىلىنىدۇ. دورا نامى «تۇجىڭپى» .

سېرىق قارىغاي مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ ۋادىسى ئەتراپىدىكى تاغلىق يەرلەرگە تارالغان

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#