تۇخۇمگۈل

تۇخۇمگۈل

تۇخۇمگۈل (ئېنگىلىزچە نامى: Plumeria rubra  خەنزۇچە نامى: 鸡蛋花) دۇنيادىكى مەشھۇر، شۇنداقلا تارقىلىش دائىرىسى كەڭ گۈللەرنىڭ بىرى بولۇپ،  ئەسلى يۇرتى ھىندىستان ئارىلى  ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مېكسىكا. تۇخۇمگۈل تالگۈل ئائىلىسىگە تەۋە تىروپىك بەلباغ ۋە سۇبتىروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان. دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان، نۆۋەتلىمە شەكلىدە ئۆسىدىغان قاتتىق غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

ئۇيغۇرچە نامى تۇخۇمگۈل
ئىنگلىزچە نامى Plumeria rubra
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈرى تۇخۇمگۈل
亚科 鸡蛋花亚科
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鸡蛋花
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
كەنجى سىنىپى بىرلەشمە بەرگلىك گۈل كەنجى سىنىپى
لاتىنچە نامى Plumeria rubra L. cv. Acutifolia

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇخۇمگۈلتۇخۇمگۈلىنىڭ ئېگىزلىكى 4-5 مېتىرئەتراپىدا بولىدۇ. شاخلىرى توم، قېلىن، يوپۇرمىقى يوغان، گۈللىرى قىزىل، سېرىق رەڭلەردە بولىدۇ، گۈلى 5 ياپراقتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، خۇددى كىچىك بالىلار ياسىۋىلىدىغان قەغەز شامالدۇرغۇچقىلا ئوخشايدۇ. تۇخۇمگۈل ياز پەسلىدە ئېچىلدۇ، گۈلى 5-10 ئايغىچە سولاشماي تۇرالايدۇ. 

ھويلا-ئاراملاردا ئوتلاقلاردا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. تەشتەكلەردە ئۆستۈرسىمۇ بولىدۇ.

تۇخۇمگۈلتۇخۇمگۈلنىڭ غولىدىن مۇزىكا ئەسۋاپلىرىنى ياساشقا بولىدۇ. تۇخۇمگۈلنىڭ چېچىكى ئىنتايىن خۇشپۇراق بۇلۇپ ھەرخىل خۇشپۇراق ماتىرياللارنى ياساشقا ئىشلىتىدۇ. تۇخۇمگۈلى لائۇسنىڭ دۆلەت گۈلى جۇڭگۇغا كىرگەندىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جاۋچىڭ شەھرىنىڭ شەھەر گۈلى بولغان. ھازىر مەملىكەتتىكى داڭلىق گۈللەر مۇسابىقىسدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىسىل گۈل سورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

دورىلىق قىممىتى

تۇخۇمگۈلنىڭ تىبابەتتىكى رولى، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرىدۇ. يۆتەلنى توختىتىدۇ، ئۆچەي يالقۇغى، ھەزىىم ناچارلىق، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارغا ياخشى شىپا بولىدۇ.

تۇخۇمگۈل دۇنيادىكى مەشھۇر، شۇنداقلا تارقىلىش دائىرىسى كەڭ گۈللەرنىڭ بىرى بولۇپ،  ئەسلى يۇرتى ھىندىستان ئارىلى ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مېكسىكا. تۇخۇمگۈل تالگۈل ئائىلىسىگە تەۋە تىروپىك بەلباغ ۋە سۇبتىروپىك بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#