مېنىڭ ئىتىقادىم

مېنىڭ ئىتىقادىم

«مېنىڭ ئىتىقادىم» ناملىق بۇ نۇتۇق ئېينىشتېيىننىڭ 1921-يىلى نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى. 

ئۇيغۇرچە نامى مېنىڭ ئىتىقادىم
باشقا نامى ئېينىشتېيىننىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
ۋاقتى 1921-يىلى
خەنزۇچە نامى 我的信仰
باشقا نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى 爱因斯坦1921年在获得诺贝尔物理奖时的演讲
سۆزلىگۈچى ئېينىشتېيىن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېنىڭ ئىتىقادىم20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن 1879-يىلى 3 -ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىينىڭ ئۇلىم شەھىرىدە يەھۇدىي ئائىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا خىيالچان، كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالا ئىدى. ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ،  ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئۈمىد يوق » ئوقۇغۇچى ھېسابلىناتتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ «ئۈمىد يوق»ئوقۇغۇچى 1905- يىلى 26 ياشقا تولغان چاغدا «فىزىكا خاتىرىلىرى» ژۇرنىلىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئېنقىلاب خاراكتېرلىك نەزەرىيە «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى»نى ئېلان قىلدى. لېكىن بۇ ئۇلۇغ نەزەرىيىنى چۈشىنىدىغانلار 1915-يىلىغىچە 20 كىشىدىن ئاشمىدى.1916-يىلى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1919-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيەسى تەجرىبىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1921-يىلى 42يېشىدا نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىيىسىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ بولدى. گېرمانىيىدە مەخسۇس تەشكىلات قۇرۇلۇپ تەنقىدلەندى، سەۋەبى، ئۇ يەھۇدىي بولۇپ قالغانلىقى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بەزى ئالىملارمۇ ئۇنى بۇرژۇئازىيە ئالىمى دەپ قاراپ، «ئىدېئالىزمچى» دەپ تەنقىدلىدى. ئېينىشتېيىن ئۇلارغا جاۋابەن 1953-يىلى مۇنداق بىر كۇبلىت ھەجىۋىي شېئىر يازدى :

ئىزلىگىنىڭلار قەترىچە ھەقىقەتمۇ، 

تەرلەپ-پىشىپ، جاپا چېكىپ ئاھ ئۇرۇپ؟ 

كېلۇر پىرقە پەرمانىدىن ھەقىقەت، 

يۈرمەڭلار ئەخمەق بولۇپ باش قاتۇرۇپ. 

ئۆمرىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قازانغان بۇ ئالىم 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مېنىڭ ئىتىقادىمھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان بىزلەرنىڭ تەقدىرىمىز نېمىدېگەن غەلىتە! ھەر بىر ئادەم بۇ دۇنيادا قىسقا تۇرىمىز؛ مەقسەت نىمە بىلگىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئۆزىمىزچە بۇ ھەقتە مەلۇم تۇيغۇغا ئىگە بولغاندەك قىلساقمۇ،  لېكىن چوڭقۇر ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.كۈندىلىك تۇرمۇشتىن چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى: ئادەم باشقىلار ئۈچۈن ياشايدۇ، ئالدى بىلەن ئاشۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ياشايدۇ. بەختىمىز پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە سالامەتلىكىگە باغلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا بىز تونۇمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ياشايمىز. ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھېسداشلىق تۈگۈنى ئارقىلىق بىز بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ.ھەركۈنى ئۆزۈمگە شۇنى نەچچە يۈز قېتىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەنكى، مەنىۋى تۇرمۇشۇم باشقىلار (جۈملىدىن ھايات يۈرگەنلەر ۋە ۋاپات بولغانلار) نىڭ ئەجىرىنى ئاساس قىلغان. مەن قوبۇل قىلغان ۋە ھېلىھەم قوبۇل قىلىۋاتقان نەرسىلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئوخشاش ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشۇم كېرەك. مەن ئاددىي-ساددا تۇرمۇشنى كۈچلۈك ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە قېرىنداشلىرىمنىڭ بەك كۆپ ئەجىرىنى ئىگەللەپ كەتكەنلىكىمنى سېزىپ چىدىيالماي قالىمەن. مېنىڭچە، سىنىپلارنىڭ ئايرىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇ ئاخىرىدا زوراۋانلىقنى ئاساس قىلىدۇ. مەنمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جىسمانىي جەھەتتىن ياكى مەنىۋىي جەھەتتىن بولسۇن، ئاددى-ساددا تۇرمۇش ھەر-بىر ئادەمگە پايدىلىق.

ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپىۋىي مەنىدىكى ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىغا پەقەت ئىشەنمەيمەن، ھەربىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى سىرتقى دۇنيانىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچراش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئىچكى مۇقەررەرلىككە ماسلىشىدۇ. ئارتور شۇ پېنخائوئېر «ئادەم ئۆزى قىلماقچى بولغاننى قىلالىسىمۇ، لېكىن ئىگە بولماقچى بولغانغا ئىگە بولالمايدۇ» دېگەنىدى. بۇ ھېكىمەتلىك سۆز ياشلىق دەۋرىمدىن باشلاپلا ماڭا ھەقىقىي ئىلھام بەرگەنىدى؛ ئۆزۈمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئۇ بىزگە تەسەللىي بولدى ھەمدە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىنىڭ مەنبەسى بولدى. بۇنداق تەسىرات ئادەمنى ئوڭاي بوشاشتۇرۋىتىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كەڭچىلىك بىلەن يېنىكلىتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ھەددىدىن ئارتۇق جىددىي مۇئامىلىدە بولۇشتىن ساقلايدۇ. بۇ يۇمۇرلۇق بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇن بېرەلەيدىغان كىشىلىك كۆز قاراشنى بەخىش ئېتىدۇ.

بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياكى شەيئىلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇشنىڭ ئەھمىيتى ياكى مەقسىتىنى سۈرۈشتۈرسە، ئوبيېكتىپ نۇقتىئنەزەر بىلەن قارىغاندا،  مېنىڭچە بۇ نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق بولىدۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمدە مۇئەييەن غايە بولىدۇ. بۇ غايە ئۇنىڭ تىرشچانلىقىنى ۋە ھۆكۈم نىشانىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ھوزۇر-ھالاۋەت ۋە راھەت-پاراغەتنى تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى بولىدۇ،دەپ قارىغان ئەمەسمەن-بۇنداق ئېتىكا ئاساسىنى چوشقىنىڭ غايىسى، دەپ ئاتايمەن. يولۇمنى يورۇتۇۋاتقان ھەمدە ماڭا يېڭى جاسارەت بېغىشلاۋاتقان تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن توغرا قاراش غايىسى ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە چىنلىقتىن ئىبارەت. ھەمرالار ئارىسىدىكى سەمىمىي ھېسىيات بولمىغاندا، ئوبيېكتىپ دۇنياغا-سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن خىزمەتلىرى ساھەسىدىكى مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئوبىېكىتلارغا پۈتۈن زىھنى بىلەن بېرىلمىگەندە،  مېنىڭچە، تۇرمۇش تولىمۇ مەنىسىز بولىدۇ.مېنىڭچە، كىشىلەر كۈچەپ قوغلاشقان چاكىنا نىشان-بايلىق، ساختا شۆھرەت، راھەت-پاراغەتكە بەكمۇ بېرىلگەن تۇرمۇش-پەسكەشلىك بولىدۇ.

مەندە كۈچلۈك ئىجتىمائىي ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. لېكىن مەندە باشقىلار بىلەن ۋە جەمئىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشىش تەلىپى كەم. بۇ ئىككىسىدىن ھامان غەلىتە سېلىشتۇرما ھاسىل بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ«تەنھا مىھمان»مەن. دۆلىتىمگە، ئائىلەمگە، دوسىتلىرىمغا، ھەتتا ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مەنسۇب بولغان ئەمەسمەن؛ بۇ مۇناسىۋەتلەر ئالدىدا مۇئەييەن ئارىلىق بارلىقىنى ھەمدە تەنھالىقنى ساقلاپ قېلىش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىمەن، بۇنداق ھېسىيات يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. كىشىلەر شۇنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلىدۇكى، باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ۋە ماسلىشىپ بىرلىككە كىلىش چەكلىمىلىك بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىش ھاجەتسىز. شەكسىزكى، بۇنداق ئادەم ئاق كۆڭۈل ۋە غەم-ئەندىشىدىن خالىي ھالىتىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئايرىلىپ قالسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ پىكىرى، ئادەت ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ تىزگىنلىشىگە كۆپ ئۇچىرىمايدۇ ھەمدە قەلىب تەڭپۇڭلىقىنى ئاشۇنداق ئىشەنچىسىز ئاساستىكى قايمۇقتۇرۇشلارغا تىكلەشتىن خالىي بولالايدۇ.

دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈم سىياسىي غايەم ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئادەم سۈپىتىدە ھۆرمەتلىنىشى كېرەككى، ھەر قانداق ئادەم باشقىلار چوقۇنىدىغان مەبۇد بولماسلىقى لازىم. مېنى زامانداشلىرىم بەك ماختاپ ۋە ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مىنىڭ سەۋەنلىكىمدىن ئەمەس، شۇنداقلا تۆھپىلىرىم تۈپەيلىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتەنمۇ تەقدىرنىڭ بىر خىل مەسخىرىسى،  بۇنىڭ سەۋەبى،  كىشىلەردە ئېھتىمال بۇنداق بىر خىل ئارزۇنىڭ بولغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئاجىز كۈچۈم بىلەن ئۈزلۈكسىز كۆرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئاز ساندىكى بىر نەچچە كۆز قارىشىمنى بىلمەكچىدۇ. بۇ ئارزۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇالمىدى. ماڭا تامامەن ئېنىقكى، بىر تەشكىلات ئۆزىنىڭ مەقسىىتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدىكەن، بىر ئادەم تەپەككۇر قىلىشى، قوماندانلىق قىلىشى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، لېكىن رەھبەرلىك قىلىنغۇچىلار مەجبۇرلانماسلىقى لازىم. ئۇلار ئۆزىنىڭ داھىيسىنى تاللىۋالالايدىغان بولسۇن. مېنىڭچە، مەجبۇرلايدىغان ئىستىبدات تۈزۈم ناھايىتى تېز چىرىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى زوراۋانلىق ھامان پەزىلىتى ناچار كىشىلەرنى سەھنىگە چىقىرىپ قويىدۇ. ئىشىنىمەنكى، تالانتلىق زالىم پادىشاھقا ھامان ئۇياتسىزلار ۋارىسلىق قىلىدۇ. بۇ قەدىمدىن كەلگەن ئوڭاي ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنىيەت، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۈگۈن بىز ئىتالىيەدە، روسىيىەدە كۆرۈۋاتقان تۈزۈمگە كۈچلۈك قارشى تۇردۇم. ياۋروپادا بۈگۈن مەۋجۈت بولىۋاتقاندەك ئەھۋالدا دېمۇكراتىيە شەكلى گۇمانلىق بولۇپ قالدى. بۇنى دېموكراتىيە پىرىنسىپلىرىنڭ ئۆزىگە دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تۇراقسىزلىقىنىڭ ۋە سايلام تۈزۈمىنىڭ شەخىسلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنىڭ ئالامىتى. ئىشىنىمەنكى، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا توغرا يول تاپتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى خېلى ئۇزۇن بولىدىغان زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىشقا تولۇق ھوقۇقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە ئاغرىقلارنى ۋە نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈزگەن بىر قەدەر كەڭ بەلگىلىمىلىرى ماڭا يارىدى.كىشىلىك ھاياتنىڭ رەڭگارەڭ ئويۇنلىرىدا ھەقىقىي قىممەتلىك بولىدىغىنىنى سىياسىي جەھەتتىكى دۆلەت ئەمەس، بەلكى ئىجادچانلىققا ۋە ھېسىياتقا ئىگە شەخىسلەردىن، ئىنسانىي پەزىلەتتىن ئىبارەت؛ شەخىسلەرلا يۈكسەك ۋە ئاجايىپ نەرسىلەرنى يارىتالايدۇ. ۋەھالەنكى، ئاۋام ئىدىيە جەھەتتە ھامان قاشاڭ بولىدۇ، ھېسىيات جەھەتتىمۇ قاشاڭ بولىدۇ.

سۆزۈم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئاممىۋى تۇرمۇشتىكى ئەڭ ناچار بىر خىل ئىپادە ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ مەن بىزار بولىدىغان ھەربىي تۈزۈم. بىر ئادەم كۆرەڭلىگەن پېتى ھەربىي ئوركىستىرغا ئەگىشىپ چاسا شەكىلدە تىزىلدۇرۇلغان قوشۇن ئىچىدە كېتىپ بارىدۇ. مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئۆزىلا مېنىڭ ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىقىمغا يېتىدۇ. ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىنلا ئۇنىڭدا كاللا بولۇپ قالغان؛ يىلىكلا بولسا،  ئۇنىڭ ھەممە ئېھتىياجىغا يىتەتتى. مەدەنىيەتنىڭ بۇنداق جىنايى مەركىزىنى ئىمكانقەدەر تېزرەك يوقىتىش لازىم. باشقىلارنىڭ جورۇقچىلىقى بىلەن بولىدىغان قەھرىمانلىق، رەھىمسىزلەرچە زوراۋانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك نامى ئاستىدىكى يىرگىنىچلىك بىشەملىكلەر مېنى قاتتىق يىرگەندۈرىدۇ! مېنىڭچە ئۇرۇش شۇنداق رەزىل، پەسكەشلىككى، قىيما-چىيما قىلىنىپ كەتسەممۇ، ئۇنداق يىرگىنىچلىك شۇملۇققا ئارىلاشمايمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئىنسانىيەتكە يۇقىرى باھا بېرىمەن. ئىشىنىمەنكى، خەلقنىڭ ساغلام ھېسىياتى مەكتەپلەر ۋە گېزىت ئارقىلىق تەسىر قىلىدىغان سودا مەنپەئەتى ۋە سىياسىي مەنپەئەتنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچىرىمىغان بولسىلا، ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستى ئاللىقاچان يوقالغان بولاتتى.

بىزدە بولىدىغان ئەڭ ياخشى تەجرىبە-سىرلار تەجرىبىسىدىن ئىبارەت. ئۇ ھەققىي سەنئەت ۋە ھەققىي ئىلىم-پەننىڭ مەنبەسى ئۈستىدە چىڭ تۇرغان ئاساسىي ھېسىيات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىمىكى ئۇنىڭ تېگى-تەكتىگە يەتمىسە، ئۇنىڭدا قايتا قىزىقىش بولمىسا، شۇنداقلا قايتا ھەيرانلىق ھېسىيات بولمىسا، ئۇ ھارام تاماقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزى ئىنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. مانا مۇشۇنداق سىرلارنىڭ تەجرىبىسىدىن–قورقۇش ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، دىن بارلىققا كەلگەن. بايقاپ كېتەلمەيدىغان مەلۇم نەرسىنىڭ مەۋجۇدلۇقنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە، قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر سىرىغا ئەڭ ئىپتىدائىي شەكىل بىلەن يېقىنلىشىدىغان ئىداركىي ۋە ئەڭ يارقىن گۈزەللىكنى ھېس قىلىمىز، دەل مۇشۇنداق تونۇش ۋە مۇشۇنداق ھېسىياتتىن ھەقىقىي دىننىي ھېسىيات ھاسىل بولغان. مۇشۇ مەنىدىن، بەلكى پەقەت مۇشۇ مەنىدىنلا، چوڭقۇر دىننىي ھېسىياتقا ئىگە ئادەممەن. ئۆزۈم ھاياتنىڭ مەڭگۈلۈك سىرلىردىن قانائەتلىنىشنى ئىستەيمەن. مەۋجۇي دۇنيانىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قۇرۇلمىسىنى كۆزىتىشتىن قانائەتلىنىمەن. ئۇنىڭدىن يېرىم-ياتىنى بولسىمۇ بايقىۋالالىسام ھەمدە سەممىي تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدا كۆرۈنگەن ئاشۇ ئىدراكنىڭ بىر قىسمىنى چۈشىنەلىسەم، ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىسام، ئۇنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمىنى چۈشىنەلىسەممۇ تولۇق رازى بولغان بولاتتىم.

مېنىڭ ئىتىقادىمنوبېل-شۋېتسىيە خىمىكى ھەم كەشپىياتچىسى 1833-1896 يىللىرى ياشىغان.

نوبېل مۇكاپاتى-نوبېلنىڭ مىراسىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان مۇكاپات. 1901-يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم فىزىكا، خىمىيە،  فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي ئىلىم (مېدىتسىنا )ۋە تىنچلىق ئىشلىرى بويىچە تارقتىلىپ كەلگەن. 1968- يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات مۇكاپات تۈرى قوشۇلغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#