يىن خەييىڭ
كورىيە نىڭ داڭلىق ئايال چولپىنى يىن خەييىڭ 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، يىن خەييىڭ كورىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال كىنو چولپانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1992-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە ئارتىس بولۇپ داڭقى چىقىشتىن بۇرۇن، يىن خەييىڭ مۇنەۋۋەر ئېلان مودېلى بولغان. 1994-يىلى ئاخىرىدا تېلىۋىزىيە پىروگىراممىلىرىغا چىقىشا باشلىغان، كېيىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يەنە بىر كۆرسەم» ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئايال پادىشاھ»دىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن كورىيە ئارتىس قاتارىدىن ئورۇن ئالغان شۇنداقلا داڭلىق ئارتىس بولۇپ باھالانغان.
1995-يىلى SBS «تا يەنە بىر كۆرۈشكىچە»
1995-يىلى MBC «مۇھەببەت ئاساسى»
1996-يىلى SBS «شەھەر»
1996-يىلى KBS «بۈگۈنكى شەرقىي جەنۇب شامىلى»
1997-يىلى KBS «يۈگۈرۈش»
1998-يىلى KBS «ياغاچ ئات»
1998-يىلى MB «يەنە بىر كۆرسەم»
«يەنە بىر كۆرسەم»، «مىليونلىغان ئەتىرگۈل»، «ئايال پادىشاھ»، «گۈزەل ھايات»، «ئالماسنىڭ كۆز يېشى»، «سەن بولغاچقىلا ياقتۇرىمەن» قاتارلىق نادىر فىلىملەر بار.
ئۇنىڭ تاماشىبىنلار ھەم ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئوبرازى «يەنە بىر كۆرسەم» ناملىق تېلىۋىزىيە-تىياتىرىدىكى ئوبرازى.
2001-يىلى KBS رول ئېلىش ماھارىتىدە ئاياللار مۇنەۋۋەر رول ئېلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى كومېدىيە تارمىقى سەنئەت مۇكاپاتىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال سەنئەتكار بولۇپ باھالانغان.
2001-يىلى : كورىيە ئەزالار ئىئانە قىلىش تەشۋىقات باش ئەلچىسى
2009-يىلى : كورىيە habitat تەشۋىقات ئەلچىسى
1998-يىلى 1-ئايدا توي قىلغان. كېيىن يولدىشىنىڭ تىجارىتى ئوڭۇشلۇق بولماي ئاجرىشىپ كەتكەن.
يىن خەييىڭنىڭ بىردىن بىر ئارزۇسى ئامېرىكىغا بېرىپ ساياھەت قىلىش بولۇپ، ئۇ ھامىلدار بولغاندا بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئامېركىدا تۇرغان.
2011-يىلى يىن خەييىڭ يەنە بىر قېتىم نىكاھ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان. بۇ قېتىم ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ بىر كۆز كېسەللىكلىرى بىلەن ئارلىشىپ، تۆت ئاي بىللە تۇرۇ ئاخىرى توي قىلغان.
ب ئىش كورىيە تاماشا سەھنىسىدە قىززىق نوقتا بولۇپ، ئاخىرىدا «بۇلار بىر-بىرگە ماس كەپتۇ» دىگەن باھالار بىلەن ئاياغلاشقان.
2013-يىلى «سەن بولغاچقىلا ياقتۇرىمەن» فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، قالقانبەز راكى كېسىلى قوزغىلىپ قالغان.
كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ئاشكارلانغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.