خېنە گۈلى ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك خېنە گۈلى(Impatiens balsamina L.)نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، خېنە گۈلى ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇرۇقى
قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياپىلاق شەكىللىك ياكى ياپىلاق تېمىنە شەكىللىك بولىدۇ. ئورۇق، پوستى قوڭۇرياكى خومىرەڭلىك.
بەرەس، بەھەق، زەخىمە بوغۇم ئاغرىقلىرى، بەل-پۇت ئاغرىقى،ھەيز تۇتۇلۇش،قىيىن تۇغۇت، لىمفا سىل كېسەللىكى، بالىلار پارالىچى، قىزىلئۆڭگەچ ۋە سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
1.بالىياتقۇ بوينىنى قوزغىتىدۇ. 2.ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 3.باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار.
1. خېنە گۈلى ئۇرقىدىن 3 گرام، قىچا 10 گرام، سامساقتىن 7 گرام، سىياداندىن 10 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 15 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا بەرەس، بەھەق كىسەللىرىگە مەنپەت قىلىدۇ.
2. خېنە گۈل ئۇرقىدىن 3 گرام، زىرە، يالپۇز، سوزاپ ئۇرۇقىدىن 10 گرامدىن، قەردىمانەدىن 5 گرام ئېلىپ تالقان قىلىپ يېسە ئاشقازان، ئۈچەي كىسەللىكلىرىگە مەنپەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.