چىن شىخۇاڭ قەبرىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىن شىخۇاڭ قەبرىسى چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ لىنتۇڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر كەنتتە بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا، كىچىك تاغقا ئوخشايدۇ. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى تېخى قېزىپ ئېچىلمىغاچقا، قەبرىنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم.
قورچاق ئەسكەر ئاتلار ئورىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىستانلىقى ئەتراپىدىكى 1 – نومۇرلۇق ئورەكتىن 500 دىن ئارتۇق قورچاق ئەسكەر، ئالتە جەڭ ھارۋىسى قېزىۋېلىنغان، ھەر بىر جەڭ ھارۋىسىغا تۆت ئات قوشۇلغان. ئاتنىڭ ئېگىزلىكى 1.7 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئاتلار بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن، قۇلىقىنى دىڭ تۇتقان ھالەتتە تۇرغان. قورچاق ئەسكەرلەرنىڭ ئېگىزلىكى 1.8 دىن 1.85 مېتىر ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قوپالراق ماتادىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن، بەزىلىرى بولسا ساۋۇت ئارتىۋالغان، ئەسكەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يېنىك جەڭ كىيىمى كىيگەن. 1979 – يىلى 1 – نومۇرلۇق ئورەكنىڭ ئۈستى يېپىلىپ ‹‹چىن شىخۇاڭ قورچاق ئەسكەرلەر – ئاتلار مۇزېي›› قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇ يەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلۋاتىدۇ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.