يۈ شيۇسۇڭ

يۈي شيۇسۇڭ

يۈي شيۇسۇڭ (ئىسمىنى ۋاڭ شۇچېڭ دەپ ئۆزگەرتكەن) 1899-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجى ناھىيىسىدە تۇغۇلىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1916-يىلى جېجياڭ ئۆلكىلىك 1-سىفەنگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. 1919-يىلى «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىلغار ئىدىيەنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يۈي شيۇسۇڭ
باشقا نامى ۋاڭ شۇچېڭ
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1899-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 俞秀松
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجى ناھىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1939-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۈ شيۇسۇڭ (ئىسمىنى ۋاڭ شۇچېڭ دەپ ئۆزگەرتكەن) 1899-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇجى ناھىيەسىدە تۇغۇلىدۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1916-يىلى جېجياڭ ئۆلكىلىك 1-سىفەنگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ. 1919-يىلى «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىلغار ئىدىيەنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە خاڭجۇدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. «4-ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىن، «جېجياڭ يېڭى دولقۇنى» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغانلىقتىن شىمالىي مىلىتارىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇيدۇ. كېيىن يەنە شاڭخەيگە بېرىپ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە چەتئەل تىلى ئىلمىي جەمئىيىتىدە كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ رۇس تىلىنى ئۆگىنىدۇ.

يۈي شيۇسۇڭ1920-يىل چېن ۋاڭداۋ قاتارلىق يولداشلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى تەشەببۇس قىلىش شاڭخەي گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، شۇ يىلى 8-ئايدا شاڭخەي سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1921-يىل كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ موسكۋادا چاقىرىلغان 2-قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، 1-نۆۋەتلىك ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىكىگە سايلىنىدۇ. 1922-يىلى 5-ئايدا گۇڭجودا ئېچىلغان جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا سۈن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، شەرقىي يول قاراقچىلىرىغا جازا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتاب مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1925-يىلى 11-ئايدا موسكۋا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا بارىدۇ. 

ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ مىڭ جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال شەرقىي بۆلۈمىدىكى بىر كاتىپنىڭ تەرجىمانى ئىدى. ۋاڭ مىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بەك كۆرەڭلەپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىپ قالغانلىقتىن ساۋقداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. يۈ شيۇسۇڭ ۋاڭ مىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. بىراق، ۋاڭ مىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلايدۇ، 1927-يىلى يۈ شيۇسۇڭ لېنىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، ۋاڭ مىڭ يۈ شيۇسۇڭغا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جېجياڭلىق يۇرتداشلار جەمئىيىتى» نى تەشكىلللەپ، پارتىيە، ئىنقىلابقا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى، دېگەن تۆھمەتنى چاپلايدۇ. 1928-يىلى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەپتىش كومىتېتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەپتىش كومىتېتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ ئۈچ تەرەپتىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ.

يۈي شيۇسۇڭ1931-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ 6-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا يۈ شيۇسۇڭ ۋاڭ مىڭنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان سولچىل ئاغمىچىلىق لۇشيەنىگە قارشى كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ. ۋاڭ مىڭ مەزھەپچىلىك گۇرۇھى «مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىرىگە قارشى تۇردى» دېگەن جىنايەت بىلەن شيۇسۇڭغا «تروتسكىچى» دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، 1933-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يىراق شەرقتىكى خابارۋسكىيغا خىزمەتكە ئەۋەتىدۇ. 1935-يىلى 6-ئايدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۈ شيۇسۇڭ قاتارلىق 25 نەپەر يولداشنى شىنجاڭغا ئەۋەتىدۇ. شېڭ شىسەي «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە بولغان دوستلۇق» نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۈ شيۇسۇڭنى شىنجاڭ دارىلفۇنۇننىڭ يۈەنجاڭى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەيدۇ، يۈ شيۇسۇڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، نۇتۇق سۆزلەش ۋە گېزىت-ژۇرناللار ئارقىلىق ماركىسىزم ئىدىيىسىنى تارقىتىدۇ. پارتىيىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئىشلىرىنى يولغا قويۇش پروگراممىسى «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» نىڭ شەكىللىنىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا شېڭ شىسەي نىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىك سەپ تۈزۈشى ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس يارىتىدۇ. 1937-يىلى شېڭ شىسەي، سىڭلىسى شېڭ شىتۇڭ بىلەن يۈ شيۇسۇڭنىڭ توي ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يۈ شيۇسۇڭنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش غەرىزىدە بولىدۇ. بىراق، يۈ شيۇسۇڭنىڭ ئىنقىلابىي ئىرادىسى مۇستەھكەم بولغاچقا، ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن شېڭ شىتۇڭ ئىنقىلاب داۋالىلىرىنى تەدرىجىي چۈشىنىپ، يۈ شيۇسۇڭنىڭ خىزمەتلىرىگە پائال ياردەم بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ. بۇ ھال شېڭ شىسەي نى تەشۋىشكە سالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەسەتخورلۇقى، ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ. شۇ يىلى 12-ئايدا ۋاڭ مىڭ بىلەن ڭاك شىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن يەنئەنگە قايتىش يولىدا ئۈرۈمچىدىن ئۆتكەندە، 2-قېتىم ئۇنىڭغا «تروتسكىچى» دەپ تۆھمەت چاپلايدۇ ھەمدە شۇئان شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. يۈ شيۇسۇڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن شېڭ شىتۇڭ ئۇنى يۇقلاپ تۈرمىگە بارغاندا يۈ شيۇسۇڭ ئۇنىڭغا «ئىنقىلابچىلارنى قىرىپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، ئىنقىلاپ يولىدا قۇربان بولۇش شەرەپلىك» دەيدۇ.

1938-يىلى 6-ئايدا ياي شيۇسۇڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە يالاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېيىن، ئۇ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەكتىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى كېڭەيتىۋېتىلگەنلىك تۈپەيلىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. شۇ يىلى ئۇ 39 ياشلاردا ئىدى. 1959-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يىراق شەرقتىكى ھەربىي ئىشلار سوتى ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#